سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشنى، كادىرلارنىڭ ئىستىلىنى ياخشىلاشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پولاتتەك ئىنتىزام، ياخشى ئىستىل بىلەن تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئومۇمىي ۋەزىيەتنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

مۇھەررىر: ۋۇ ۋېنشيا
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-01-09

چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايوننىڭ مۇقىملىقنى قوغداش تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنىدا تەكىتلەپ مۇنداق دېدى

پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشنى، كادىرلارنىڭ ئىستىلىنى ياخشىلاشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پولاتتەك ئىنتىزام، ياخشى ئىستىل بىلەن تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئومۇمىي ۋەزىيەتنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

شۆھرەت زاكىر يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، نەيىم ياسىن، نۇرلان ئابىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، جۇ خەيلۇن، لى پېڭشىن يىغىنغا قاتناشتى  

    ئاپتونوم رايون 1- ئاينىڭ 7- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن مۇقىملىقنى قوغداش تېلېۋىزىيە- تېلېفون يىغىنى ئاچتى. يىغىندا: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە «ج ك پ 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى، باش شۇجىنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىپ، ئىستىلنى چىڭ تۇتۇپ، مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنى قارار قىلغانلىقى ئېلان قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومىنىڭ 1- شۇجىسى، 1- سىياسىي كومىسسارى چېن چۈەنگو يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: ج ك پ 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ۋە ج ك پ 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 7- ئومۇمىي يىغىنى روھىنى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنى قاتتىق باشقۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، پولاتتەك ئىنتىزام، ياخشى ئىستىل بىلەن ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە، ئىجتىمائىي ئومۇمىيلىقنىڭ ئىناق، مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى ئەلا نەتىجىلىرىمىز بىلەن كۈتۈۋېلىشىمىز كېرەك.

    يىغىنغا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىنغا ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۈەن رەھبەرلىرىدىن نەيىم ياسىن، نۇرلان ئابىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن، شاۋكەت ئىمىن، ئەركىنجان تۇراخۇن، لى شۆجۈن، ما شۆجۈن، تيەن ۋېن، سارقىت ئاقان، ليۇ شىنچىلار قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سىياسىي- قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جۇ خەيلۇن ئاپتونوم رايوننىڭ مۇقىملىق خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى.

    چېن چۈەنگو مۇنداق كۆرسەتتى: ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك تارماقلار ۋە پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئىدىيەسىنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنىڭ ۋەزىيىتىنى تەھلىل قىلىپ چىقارغان ھۆكۈمى ئاساسىدا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ھەر ۋاقىت سەگەك ۋە يۈكسەك سەزگۈر بولۇپ، دائىم ھوشيار تۇرۇشى لازىم. شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى ساقلاش ۋەزىيىتىنى ئېنىق تونۇشى كېرەك، شىنجاڭنىڭ «ئۈچ مەزگىل گىرەلىشىپ كېتىش» ھالىتى تېخى تۈپتىن ئۆزگەرگىنى يوق، شىنجاڭنىڭ «ئۈچ خىل كۈچ»لەر بىلەن بولغان كۈرىشى ئۇزاق مۇددەتلىك، مۇرەككەپ، ئۆتكۈر كۈرەش بولۇپ، بەزىدە ھەتتا ئىنتايىن كەسكىن بولىدۇ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتى دۇچ كەلگەن خىرىس يەنىلا كەسكىن، مۇرەككەپ، ۋەزىپە يەنىلا مۈشكۈل ۋە ئېغىر. شىنجاڭدىكى كادىرلار ئىستىلدا ئېنىق تونۇشقا ئىگە بولۇشى لازىم، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ئۇزاقتىن بۇيان چېگرادا يىلتىز تارتىپ، چېگرانى مۇقىملاشتۇرۇپ، چېگرانى تەرەققىي قىلدۇردى، ئۇلارنىڭ روھىي ھالىتى ۋە ئومۇمىي ئىستىلى ياخشى، لېكىن ئايرىم جايلارنىڭ ۋە بەزى كادىرلارنىڭ ئومۇمىي باش نىشانغا بولغان تونۇشى ئەمەلىيلەشمىگەن، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى يېتەرلىك ئەمەس، ئىدىيەدە بىخۇدلۇق قىلىۋاتىدۇ، ئىستىلى تۇراقسىز، تەدبىرى يوق، بوشاڭ، كۈرەشتىن بىزار، ئىستىلى قوپال، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماي، خىزمەتتە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىۋاتىدۇ. «ئۈچ خىل كۈچ»لەر شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئورتاق دۈشمىنى، ئىستىلنىڭ دۇرۇس بولماسلىقى بىزنىڭ تېخىمۇ چوڭ دۈشمىنىمىز، بۇ چوقۇم يۈكسەك دىققەتنى قوزغىشى، ئۇنى زور كۈچ بىلەن ھەل قىلىپ، تېخىمۇ قەتئىي پوزىتسىيە، تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىر، تېخىمۇ قاتتىق ئىنتىزام، تېخىمۇ ئەمەلىيەتچىل بولۇشتەك ئىستىل بىلەن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلىشىمىز لازىم.

    چېن چۈەنگو مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەرگەن شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانى بويىچە ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىشكە ھەقىقىي كۈچ سەرپ قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى، بولۇپمۇ 2- قېتىملىق مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ۋە شىنجاڭدا خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەندە بەرگەن مۇھىم يوليۇرۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۇنىڭغا ھەقىقىي ئىشىنىپ، ئۇنى ھەقىقىي قوللىنىپ، ھەقىقىي ئىجرا قىلىپ، ئۆگەنگەننى ئىشلىتىپ، ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش لازىم. باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە بولغان تونۇشنى ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، باش نىشاننى ھەقىقىي يېتەكچى، باش نىشاننى ئومۇمىي پىروگرامما، يادرولۇق ۋەزىپە، كۆزلەش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسى قىلىش كېرەك. باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ھەرىكىتىدە زېھنىمىزنى ھەقىقىي مەركەزلەشتۈرۈپ، بارلىق خىزمەتتە باش نىشاننى چۆرىدەش، باش نىشانغا بويسۇنۇش، باش نىشانغا مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خىزمەتلەرنى باش نىشاننى چۆرىدەپ قانات يايدۇرۇش، پىلانلاش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

   1 2 3 下一页  

[ۋۇ ۋېنشيا]
010020070830000000000000011100001359665131