سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

مەدەنىي يېڭى كەيپىيات تىكلەپ، توي مۇراسىمىدا يېڭى ئېقىمنى تەشەببۇس قىلايلى

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-01-09

 

    شايار ناھىيە قايلو بازىرى مەدەنىي يېڭى ئىستىلنى ئەۋج ئالدۇرۇش، توي مۇراسىمىنى يېڭىچە ئۆتكۈزۈش، ناچار ئۆرپ-ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىپ، مەدەنىي، تېجەشلىك نىكاھ ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشنى تەشەببۇس قىلىش مەقسىتىدە 7-يانۋار چوغتېرەك كەنتىنىڭ مەدەنىيەت زالىدا «ناچار ئۆرپ-ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىش، بىللە مەدەنىي يېڭى ئىستىل تۇرغۇزۇش» تېمىسىدا كوللېكتىپ توي مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

    شادىيانە مەشرەپكە ئەگىشىپ، كوللېكتىپ توي مۇراسىمى باشلاندى. يەتتە جۈپ قىز-يىگىت قولتۇقلىشىپ توي مۇراسىمى مەيدانىغا كىرىپ كەلدى. يۇرتداشلار بىرلىكتە بۇ بىر جۈپلەرنىڭ ھاياتىدىكى بەختلىك مىنۇتلارغا شاھىت بولدى ھەمدە بەخت تىلىدى.(تامام)

 

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001359665121