سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

2017-يىلى شىنجاڭ تۆمۈريولىغا 8 مىليارد 465 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدۇ

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-01-09

 

    2017-يىلى شىنجاڭ تۆمۈريولىغا 8 مىليارد 465 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، يىل ئىچىدە جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈريولى- لەنجۇ-شىنجاڭ تۆمۈريولى تۇتاشما لىنىيەسى ياسىلىدۇ، كورلا-ئاقسۇ بۆلىكىنىڭ تۆۋەنكى لىنىيەسىدە سۈرئەت تېزلىتىلىدۇ، ئاقسۇ-قەشقەر بۆلىكى ۋە جىڭ-قورغاس لىنىيەسى كېڭەيتىلىدۇ.

    مۇخبىرنىڭ 8-يانۋار ئۈرۈمچى تۆمۈريول ئىدارىسىنىڭ 2017-يىللىق خىزمەت يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ سۈرئىتى يەنىمۇ تېزلىتىلىدىكەن، يىل ئىچىدە ئۈرۈمچى شىمالىي ۋوگزالى-شەرقىي جۇڭغار نېفىتلىكى تۆمۈريول لىنىيەسىنى كېڭەيتىش تۈرىدە ئىش باشلىنىدىكەن، ئۇنىڭدىن سىرت يەنە گېئېرمۇ شەھىرى-كورلا تۆمۈريول، ئالتاي-جۇڭغار تۆمۈريولى، قاراماي-چۆچەك تۆمۈريولىنىڭ تېچاڭگۇ-چۆچەك بۆلىكى، ئۈرۈمچى غەربىي ۋوگزالى بىلەن شىمالىي ۋوگزالىنى تۇتاشتۇرۇش، بورتالا تارماق لىنىيەسى قاتارلىق تۈرلەردە ئىش باشلىنىدىكەن.

    يۈك تىرانسىپورت جەھەتتە، يۈك توشۇش مىقدارى 95 مىليون توننا يۈك توشۇش تىرىشىپ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇپ، بۇلتۇرقىغا سېلىشتۇرغاندا % 37.7 ئاشۇرۇلىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەشيا ئوبوروت بازىسى، جۇڭگو-ياۋروپا (جۇڭگو- ئاسىيا) ئۈرۈمچى يىغىلىش مەركىزىنىڭ رولى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇلۇپ، پۈتۈن يىلدا جۇڭگو-ياۋروپا (جۇڭگو- ئاسىيا) غا قاتنايدىغان پويىز 500 گە يەتكۈزۈلىدىكەن.

    يولۇچى توشۇش جەھەتتە، يولۇچى توشۇش مىقدارى 38 مىليون (ئادەم/قېتىم)غا يەتكۈزۈلۈپ، بۇلتۇرقىدىن %18.8 ئاشۇرۇلىدىكەن.(تامام)

 

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001359665101