سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ج ك پ شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى 6- نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 17- ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى

مۇھەررىر: ۋۇ ۋېنشيا
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-01-09

ج ك پ شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى 6- نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 17- ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى چېن چۈەنگو يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى، سۈن جىنلۇڭ، ليۇ شىنچى دوكلات بەردى

    ج ك پ شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى 6 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 17 - ئومۇمىي يىغىنى 1 - ئاينىڭ 5 - كۈنىدىن 6 - كۈنىگىچە ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. يىغىندا ج ك پ 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ۋە مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى، بولۇپمۇ مەركەزنىڭ 2 - قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ۋە شىنجاڭدا خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى، ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 - قۇرۇلتىيى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، 2016 - يىللىق ئاساسلىق خىزمەتلەر خۇلاسىلەندى، 2017 - يىللىق خىزمەت ۋەزىپىلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومىنىڭ 1 - شۇجىسى، 1 - سىياسىي كومىسسارى چېن چۈەنگو يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. بىڭتۈەن پارتكومى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ھاۋالىسى بويىچە بىڭتۈەننىڭ سىياسىي كومىسسارى سۈن جىنلۇڭ يىغىنغا خىزمەت دوكلاتى بەردى، بىڭتۈەن سىلىڭيۈەنى ليۇ شىنچى ئىقتىساد خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى.

    چېن چۈەنگو مۇنداق كۆرسەتتى: بىڭتۈەن خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش −− پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ ھەم ياخشى، ھەم تېز تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئېھتىياجى. بىڭتۈەننىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، بىڭتۈەن خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تارىخىي بۇرچ تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك.

    چېن چۈەنگو مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: 2016 - يىلى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدە، بىڭتۈەن پارتكومى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، بىڭتۈەننىڭ ئالاھىدە رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش بۇرچىنى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىپ، ئىسلاھات، تەرەققىياتنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ ياخشىلاپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، «13 - بەش يىل»دا ياخشى باشلىنىشنى ئىشقا ئاشۇردى. بىڭتۈەن پارتكومى سىياسىيغا، ئومۇمىيەتكە ئەھمىيەت بېرىپ، ۋەزىپىسىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، پائال نەتىجە يارىتىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش قەتئىي ئىرادىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خىزمەت تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئاكتىپلىقى ۋە تەشەببۇسكارلىقى بىلەن بىڭتۈەننىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىغا ھەقىقىي تۈرتكە بولدى، مۇشۇنداق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ئاسان ئەمەس، بۇنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈش كېرەك.

   1 2 3 下一页  

[ۋۇ ۋېنشيا]
010020070830000000000000011100001359664991