سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

مۇھەررىر: ۋۇ ۋېنشيا
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-01-09

    چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايوننىڭ ئۆلكە باشلىقى دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ج ك پ 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 7-ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا مۇنداق تەكىتلىدى:

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

شۆھرەت زاكىر، نەيىم ياسىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، جۇ خەيلۇن، لى پېڭشىن يىغىنغا قاتناشتى

    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو 1 - ئاينىڭ 6 - كۈنى ئاپتونوم رايوننىڭ ئۆلكە باشلىقى دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ج ك پ 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 7 - ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا مۇنداق تەكىتلىدى: ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك، ھەر قايسى تارماقلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ياخشى خىزمەت نەتىجىلىرى بىلەن پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشى كېرەك.

    ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شۆھرەت زاكىر، نەيىم ياسىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، جۇ خەيلۇن، لى پېڭشىن، شاۋكەت ئىمىن، ئەركىنجان تۇراخۇن، لى شۆجۈن، ما شۆجۈن، تيەن ۋېن، سارقىت ئاقان قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

    چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ج ك پ 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 7 - ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى دەۋر تەرەققىياتى ۋە ئىستراتېگىيە ئومۇمىيىتى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، بىر يىلدىن بۇيانقى، بولۇپمۇ پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن روشەن نەتىجىلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇش، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئومۇمىي تەلەپ ۋە ئاساسلىق ۋەزىپىلەرنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى، ئۇ ماركسىزمچە پارتىيە قۇرۇش تەلىماتىنىڭ يېڭى تەرەققىياتى، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇش ئوقۇشلۇقى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى تەپەككۇرى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنىڭ يېڭى نەتىجىسى، پارتىيە قۇرۇلۇشىدىكى يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش سەپەرۋەرلىك بۇيرۇقى بولۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشتىكى قەتئىي ئىرادىسى، پارتىيە ۋە ۋەتەن ئۈچۈن قۇربان بولۇش، پارتىيە ۋە ۋەتەن يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىش ئۇلۇغۋار جاسارىتىنى تولۇق نامايان قىلىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مۇھىم قوللانما ۋە قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلىدى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك، ھەر قايسى تارماقلار ۋە پارتىيەلىك كادىرلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ج ك پ 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 7 - ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە دەپ بىلىپ، ئەستايىدىل ياخشى ئۆگىنىپ، روھىي ماھىيىتىنى ئىگىلىشى، ئىدىيە ۋە تونۇشتا بىرلىككە كېلىشى؛ كەڭ ۋە ياخشى تەشۋىق قىلىپ، ياخشى كەيپىيات يارىتىشى ۋە قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچ توپلىشى؛ ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ مۇقىم تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

   1 2 3 下一页  

[ۋۇ ۋېنشيا]
010020070830000000000000011100001359664981