سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا تۇنجى قېتىملىق ئومۇمىي خەلق سالامەتلىكىنى تەكشۈرتۈش خىزمىتى تاماملاندى

مۇھەررىر: ۋۇ ۋېنشيا
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-01-09

    بورتالا ئوبلاستىدا ئومۇمىي خەلق ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرتۈش نىسبىتى%100.28كە يەتتى

    چاۋ جىننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە، پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، 2016 – يىل 12 – ئاينىڭ 31 – كۈنىگىچە ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرتۈش قۇرۇلۇشىدا 17 مىليون 278 مىڭ 500 كىشى سالامەتلىكىنى تەكشۈرتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا 9 مىليون 182 مىڭ 400 كىشىنىڭ سالامەتلىكى تەكشۈرۈلۈپ، سالامەتلىك تەكشۈرتۈش نىسبىتى %100كە يەتكەن.

    ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا بۇ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىدىن بەھرىمەن بولغان ھەر مىللەت ئامما بارغانسېرى كۆپەيدى. ئىشىك ئالدىغىچە بېرىپ تەشۋىق قىلىش، سىياسەتلەرنى چۈشەندۈرۈش، شۇنداقلا سالامەتلىك تەكشۈرتۈش ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ساغلاملىق ئېڭىدا ئۆزگىرىش بولدى.

    ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئومۇمىي خەلق سالامەتلىكىنى تەكشۈرتۈش قۇرۇلۇشى 2016 – يىلى 9 – ئاينىڭ ئاخىرى باشلانغان، ھەر مىللەت ئامما ھەر يىلى بىر قېتىم ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرتۈشتىن بەھرىمەن بولىدىكەن. ئومۇمىي خەلق سالامەتلىكىنى تەكشۈرتۈش قۇرۇلۇشىدا ئاساسلىقى ئومۇمىي خەلق سالامەتلىكىنى تەكشۈرتۈش بىلەن ئاھالىلەرنىڭ ساغلاملىق ئارخىپىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى بىرلەشتۈرۈش مۇھىم نۇقتا قىلىنىدىكەن. سالامەتلىك تەكشۈرتۈش مەزمۇنى دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى بېسىپ تارقاتقان ‹‹دۆلەت ئاممىۋى سەھىيە مۇلازىمىتى ئاساسىي ئۆلچىمى (2016 – يىلى نەشر قىلىندى)›› گە ئاساسەن ئىجرا قىلىنىدىكەن. سالامەتلىك تەكشۈرتۈش ھەققىدە پىرىنسىپ جەھەتتىن بىر ئادەمگە 100 يۈەن ئۆلچەم قىلىنغان، خىراجەتنى كۆپ تارماق كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق توپلاپ ھەل قىلغان.

    ھازىر جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا سالامەتلىك تەكشۈرتۈش نىسبىتى %100كە يەتتى، بۇنىڭدىن سىرت قاراماي شەھىرى، قومۇل شەھىرى، بورتالا ئوبلاستى قاتارلىق جايلار ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرتۈش خىزمىتىنى مۇددەتتىن بۇرۇن تاماملىدى.

    ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز فېڭ خۇڭيەن، پەن دوڭنيەن خەۋەر قىلىدۇ: 2016 – يىل 12 – ئاينىڭ 24 – كۈنى بورتالا ئوبلاستلىق خەلق دوختۇرخانىسى سالامەتلىك تەكشۈرتۈش بۆلۈمىنىڭ دوختۇر – سېسترالىرى بورتالا شەھەرلىك 8 – ئوتتۇرا مەكتەپكە بېرىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈردى.

    بۇ مەكتەپنىڭ 7 – يىللىق 3 – سىنىپ ئوقۇغۇچىسى جاڭ مىننىڭ بارلىق سالامەتلىك تەكشۈرتۈش تۈرلىرىنى تاماملىشى بىلەن بورتالا ئوبلاستىنىڭ ئومۇمىي خەلق ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرتۈش خىزمىتى ئوڭۇشلۇق تاماملاندى. سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا بۇ قېتىملىق ئومۇمىي خەلق سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرتۈشتە، بورتالا ئوبلاستىدا 315 مىڭ 230 كىشىنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈشكە تېگىشلىك ئىكەن. شۇ كۈنىگە قەدەر جەمئىي 316 مىڭ 102 كىشى سالامەتلىك تەكشۈرتۈشكە قاتنىشىپ، سالامەتلىك تەكشۈرتۈش نىسبىتى %100.28كە يەتكەن.

    2016 – يىل 10 – ئاينىڭ 8 – كۈنى بورتالا ئوبلاستىنىڭ ئومۇمىي خەلق سالامەتلىكىنى تەكشۈرتۈش قۇرۇلۇشى رەسمىي باشلاندى، ئوبلاست بويىچە جەمئىي 36 سالامەتلىك تەكشۈرتۈش نۇقتىسى تەسىس قىلىندى، 869 دوختۇر – سېسترا زاۋۇت، مەكتەپ ۋە دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ ئائىلىسىگە بېرىپ، ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلاردىمۇ ئىشلەپ، قىزغىن، سەمىمىي مۇلازىمىتى ۋە يۇقىرى داۋالاش تېخنىكىسى ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان سىياسەتنى ئاخىرقى بىر كىلومېتىرغىچە تەشۋىق قىلىپ، ساغلاملىقنى ئەڭ يىراققا جايلاشقان ئائىلىگىچە يەتكۈزدى.

    بورتالا ئوبلاستىنىڭ ئارشاڭ ناھىيەسى چاغانتوڭگى يېزىسى مىلچىك كەنتىدىكى بايئەخمەت ساۋۇت ۋە خوتۇنى نۇرجامال 89 ياشقا كىرگەن مويسىپىتلار. دوختۇر – سېسترالار ئۇلارنىڭ ئۆيىگە بېرىپ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈپ قويدى، يەنە ئۇلارغا كۈندىلىك تۇرمۇشتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ساغلاملىق بىلىملىرىنى چۈشەندۈردى. ‹‹پارتىيەنىڭ سىياسىتى ھەقىقەتەن ياخشى! سالامەتلىكىمىزنى ھەقسىز تەكشۈرۈپلا قالماي، دوختۇر – سېسترالار ئاتايىتەن ئائىلىمىزگە كېلىپ مۇلازىمەت قىلدى، بۇ ئىلگىرى ئويلاشقىمۇ پېتىنالمايدىغان ئىشلار›› دېدى بايئەخمەت ھاياجانلانغان ھالدا.

    بورتالا شەھىرى بىلىن خارمودۇن يېزىسى شارىلجىن كەنتىدىكى چېن مېڭچۈن تەكشۈرتۈشتە بۆرەك خالتىلىق ئىششىققا گىرىپتار بولغانلىقىنى بىلىپ، دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالاندى ھەم سالامەتلىكى ناھايىتى تېزلا ئەسلىگە كېلىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى.(تامام)

[ۋۇ ۋېنشيا]
010020070830000000000000011100001359663701