سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئۈرۈمچى–كۈيتۈن–غۇلجا–قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول تۈرىنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمىتى باشلاندى

مۇھەررىر: ۋۇ ۋېنشيا
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-01-09

    يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قاتناش تۈگۈنى مەركىزىنىڭ ئوتتۇرا يول ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش مەقسەت قىلىنغان نامايەندە خاراكتېرلىك تۈر ئۈرۈمچى – كۈيتۈن – غۇلجا – قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تۈرىنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمىتى يېقىندا باشلاندى. بۇ تۈر بازارلاشتۇرۇش، ئىجتىمائىي كاپىتالنى جەلپ قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق يولغا قويۇلىدۇ.

    ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا: يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قاتناش تۈگۈنى مەركىزى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئوتتۇرا يول ئىقتىدارىنى نۇقتىلىق ئاشۇرۇپ، جەنۇب – شىمالدىكى ئىككى يول ۋە جەنۇبىي شىنجاڭ، شىمالىي شىنجاڭ غول يول قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئۈرۈمچىنى مەركەز قىلغان ئۇنىۋېرسال قاتناش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئالاقىنىڭ راۋانلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

    ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جاڭ چۈنلىن مۇنداق دېدى: ئوتتۇرا يول ئىقتىدارىنى نۇقتىلىق ئاشۇرۇشتا ئۈرۈمچى – كۈيتۈن – غۇلجا – قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تۈرى قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ھازىر بۇ تۈرنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمىتى ئىشلىنىۋاتىدۇ، 2018 – يىلى ياكى 2019 – يىلى قۇرۇلۇش باشلاش مۆلچەرلەنمەكتە. ئۈرۈمچى – كۈيتۈن – غۇلجا – قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 687 كىلومېتىر بولۇپ، 82 مىليارد 800 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش مۆلچەرلەندى. بۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول پۈتۈپ قاتناش باشلانسا، ئىلىنىڭ، ھەتتا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پۈتكۈل ساياھەتچىلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ.

    جاڭ چۈنلىن مۇنۇلارنى ئاشكارىلىدى: بۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول قۇرۇلۇشىدا بازارلاشتۇرۇش ئۇسۇلى قوللىنىلىپ، ئىجتىمائىي كاپىتال جەلپ قىلىنىدۇ.

    تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئاپتونوم رايون 2017 – يىللىق تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىلگىرىكى ھۆكۈمەت مەبلەغ سېلىشقا تايىنىش ئەندىزىسىنى ئۆزگەرتىپ، ئىجتىمائىي كاپىتالنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، تۆمۈر يول، ئايرودۇرۇم قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردە ئەنئەنىۋى ئەندىزىنى بۇزۇپ تاشلاپ، قۇرۇش، تىجارەت قىلىش، باشقۇرۇش ئىشلىرىنى ئىجتىمائىي كاپىتالغا يۈزلەندۈرىدىكەن.(تامام)

[ۋۇ ۋېنشيا]
010020070830000000000000011100001359662191