سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ليۇ چىباۋ تاراتقۇلارنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرما قوشۇلۇشىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: خەلق تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-01-06

    1- ئاينىڭ 5-كۈنى، ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى, مەركىزى كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ليۇ چىباۋ تاراتقۇلارنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرما قوشۇلۇشى خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش سۆھبەت يىغىنغا قاتناشقاندا، مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەنئەنىۋى تاراتقۇلار بىلەن يېڭىدىن گۈللەنگەن تاراتقۇلارنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرما قوشۇلۇشىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈپ، «قوشۇش» باسقۇچىدىن «بىرىكىش» باسقۇچىغا تېزدىن قەدەم تاشلاپ بىر گەۋدىگە ئايلىنىپ، بىرلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جامائەت پىكرىنىڭ تارقىتىش كۈچى، يېتەكلەش كۈچى، تەسىر كۈچى ۋە ئىناۋىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش لازىم.

    ليۇ چىباۋ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، مۇخبىرلىق- تەھرىرلىك تەرتىپىنى قايتا تەشكىللەشتەك بۇ مۇھىم ھالقىدا نۇقتىلىق بۆسۈش ھاسىل قىلىش كېرەك، «تارقىتىش مەركىزى»دىن ئىبارەت بۇ يۇغۇرۇلما تاراتقۇلار مەركىزى قۇرۇلۇشىنى باشلامچى قىلىپ، ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئىچكى تەشكىلىي قۇرۇلمىسىدا يېڭىلىق يارىتىپ، يېڭىچە مۇخبىرلىق- تەھرىرلىك- يوللاش تورىنى بەرپا قىلىش لازىم. كۆچمە ئېنتىرنېتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ئىستراتېگىيەسىنى بېكىتىپ، كۆچمە ئاخبارات مەھسۇلاتلىرىدا يېڭىلىق يارىتىپ، كۆچمە تارقىتىش تورىنى بەرپا قىلىش لازىم. تاراتقۇ ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈشنى ۋە تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرۇلۇشىدىكى سىياسەت كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، مەركەز ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنى يېتەكچى قىلغان، ئۆلكە دەرىجىلىك تاراتقۇلار تايانچ قىلىنغان يۇغۇرۇلما تارقىتىش ۋەزىيىتىنىڭ شەكىللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم.

    يىغىن جەريانىدا، يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر خەلق گېزىتخانىسىنىڭ «تارقىتىش مەركىزى» يېڭى تاراتقۇ ئورنى ۋە خەلق تورىنىڭ قۇرۇلۇش ئەھۋالىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.(تامام)

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001359612601