سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئېلىمىزدە تۇنجى قېتىملىق تېرىلغۇ يەر سۈپىتى دەرىجىسىنىڭ دۆلەت ئۆلچىمى ئېلان قىلىندى

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: خەلق تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-01-06

    تېرىلغۇ يەر سۈپىتىنىڭ قانداق بولۇشى ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا مۇناسىۋەتلىك. «تېرىلغۇ يەر سۈپىتى دەرىجىسى» نىڭ دۆلەت ئۆلچىمى يېقىندا دۆلەت سۈپەت-تېخنىكا نازارەتچىلىكى تەكشۈرۈش-كارانتىن قىلىش باش ئىدارىسى، دۆلەت ئۆلچەم كومىتېتى تەرىپىدىن تەستىقلىنىپ ئېلان قىلىنىپ، 2016-يىلى 12-ئاينىڭ 30 –كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلدى. بۇ، ئېلىمىزنىڭ تۇنجى قېتىملىق تېرىلغۇ يەر سۈپىتى دەرىجىسىنىڭ دۆلەت ئۆلچىمى ھېسابلىنىدۇ.

    بۇ خەۋەرنى مۇخبىر 5-يانۋار ئېچىلغان «تېرىلغۇ يەر سۈپىتى دەرىجىسى» نىڭ دۆلەت ئۆلچىمىنى ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىگەن. بۇ ئۆلچەم ھەر دەرىجىلىك مەمۇرىي رايونلار ۋە ئالاھىدە بەلگىلەنگەن رايونلارنىڭ تېرىلغۇ يەر سۈپىتىنىڭ دەرىجىسىنى ئايرىشىغا ماس كېلىدىغان بولۇپ، تېرىلغۇ يەر سۈپىتىنى تەكشۈرۈش ۋە باھالاش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشنى ئىلمىي كۆرسەتكۈچ ۋە ئۇسۇل بىلەن تەمىنلەيدۇ.(تامام)

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001359612571