سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

مەملىكەت بويىچە ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى بۇلتۇر 413 مىڭ دېلونى دېلو تۇرغۇزۇپ بىر تەرەپ قىلدى

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: خەلق تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-01-06

    5- يانۋار، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 2016- يىللىق مەملىكەت بويىچە ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى. 2016-يىلى، مەملىكىتىمىزدىكى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى قوبۇل قىلغان ئەرزىيەت ۋە پاش قىلىش دېلوسى جەمئىي 25 مىليون 380 مىڭ قېتىمغا يەتكەن بولۇپ، بايقالغان مەسىلە يىپ ئۇچىدىن 7 مىليون 340 مىڭ قېتىمنى بىر تەرەپ قىلغان، خەت ئارقىلىق سۈرۈشتۈرگەن دېلو 1 مىليون 41 مىڭ، دېلو تۇرغۇزۇلۇپ بىر تەرەپ قىلىنغان دېلو 4 مىليون 13 مىڭ، بىر تەرەپ قىلىنغان ئادەم 4 مىليون 15 مىڭغا يەتكەن. (بۇنىڭ ئىچىدە پارتىيە ئىنتىزامى جازاسى بېرىلگەنلەردىن 3 مىليون 47 مىڭ). ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك كادىر 76 كىشى، ئىدارە دەرىجىلىك كادىر 2700 كىشى، ناھىيە-باشقارما دەرىجىلىك كادىر 18 مىڭ كىشى، يېزا - بۆلۈم دەرىجىلىك كادىر 61 مىڭ كىشى، ئادەتتىكى كادىر 76 مىڭ كىشى، يېزا، كارخانا قاتارلىق جايلاردىكى باشقا خادىملاردىن 2 مىليون 56 مىڭ كىشى بار.(تامام)

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001359612421