سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئۈرۈمچى شەھىرى بۇ يىل يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن ھەقسىز سىمسىز تور بىلەن قاپلىنىشى مۇمكىن

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: خەلق تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-01-06

    2018- يىلى ئۈرۈمچى شەھەر رايونىنى ھەقسىز سىمسىز تور بىلەن قاپلاش پىلانى بۇ يىل يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن ئالدىن ئەمەلگە ئېشىشى مۇمكىن. شەھەر ئاھالىسى سىرتتا نەرسە-كېرەك سېتىۋالغاندا، تاماق يېگەندە، ماشىنىدا ئولتۇرغاندا ۋە ئىش بېجىرگەندە تېز ھەم قولايلىق ھالدا ئاممىۋىي سىمسىز تورىغا ھەقسىز ئۇلىيالايدۇ، ئۈندىدار ئىشلەتكەندە، خەۋەر كۆرگەندە ۋە سىن كۆرگەندە ئېقىم مىقدارىدىن ئەنسىرىمىسىمۇ بولىدۇ.

    4- يانۋار، مۇخبىرنىڭ جۇڭگو تېلېگرافى ئۈرۈمچى تارماق شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، «ھۆكۈمەت يېتەكچى بولغان، كارخانا ئۈستىگە ئالغان» سىمسىز شەھەر قۇرۇلۇشى باشلانغان بىر يىلدىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى قىسمەن ھۆكۈمەت تارماقلىرى، سودا رايونى، يېمەك-ئىچمەك ۋە كۆڭۈل ئېچىش ئورنى، قاتناش تۈگۈنى، پۇل مۇئامىلە ۋە سۇغۇرتا ئورنى قاتارلىق بەش خىل جايدىكى جەمئىي 425 رايونغا سىمسىز تور ئورنىتىپ، 3166 سىمسىز ئۇلىنىش نۇقتىسى ئۇلىغان. شۇنداقلا سىمسىز شەھەر يۈرۈشلەشتۈش سۇپىسى قۇرلۇشىنى تاماملىغان. بۇ ئۈرۈمچى شەھىرى سىمسىز تورىنى يۈرۈشلەشتۈرىدىغان باش سۇپا ھېسابلىنىدۇ.(تامام)

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001359612261