سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

چىقىمداننىڭ 2016- يىللىق ھېساباتى چىقتى: ئۈرۈمچى شەھىرىدە كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان چىقىم 70 مىڭ يۈەندىن ئاشىدىكەن

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: خەلق تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-01-06

    4- يانۋار، چىقىمدان جۇڭگونىڭ 2016- يىللىق ئومۇمىي خەلق ھېساباتىنى ئېلان قىلدى. بۇ ھېساباتتا، شىنجاڭلىقلارنىڭ چىقىم سوممىسى قانچىلىك؟ قانداق ئالاھىدىلىكى بار؟ چىقىمداننىڭ چوڭ سانلىق مەلۇماتىدىن شىنجاڭلىقلارنىڭ قانداق ئىستېمال مەخپىيىتىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ؟

    چىقىمداننىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2016- يىلى شىنجاڭ ئابونتلىرى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن تۆلىگەن سومما 54 مىڭ 208 يۈەن بولۇپ، مەملىكەت بويىچە 23- ئورۇندا، غەربىي شىمالدىكى بەش ئۆلكە بويىچە شەنشىنىڭ كەينىگە تىزىلىپ، ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىكەن. شىنجاڭ تەۋەسى ئىچىدە بولسا، ئۈرۈمچى بىرىنچى ئورۇنغا تىزىلغان بولۇپ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن تۆلىگەن سومما 71 مىڭ 273 يۈەن؛ بايىنغولىن ئوبلاستى ئىككىنچى ئورۇنغا تىزىلغان بولۇپ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن تۆلىگەن سومما 49 مىڭ 456 يۈەن سەككىز مو ئىككى پۇڭ؛ قۇمۇل شەھىرى ئۈچىنچى ئورۇنغا تىزىلغان بولۇپ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن تۆلىگەن سومما 48 مىڭ 930 يۈەن يەتتە مو توققۇز پۇڭ ئىكەن.(تامام)

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001359612231