سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئىلى ئوبلاستىنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىغا سىڭگەن جياڭسۇ ئامىلى

مۇھەررىر: ۋۇ ۋېنشيا
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-01-06

    جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ ئىلى ئوبلاستىغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدىن ئومۇمىي بايان

    ئۈچ يىلدىن بۇيان 350 كادىر يىراق يۇرتتىن ئىلى ئوبلاستىغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كېلىپ، شىنجاڭغا چىن مۇھەببىتى بىلەن ياردەم بېرىش، شىنجاڭغا پەن – تېخنىكىدا ياردەم بېرىش، شىنجاڭغا سىجىل ياردەم بېرىش بويىچە قان – تەر تۆكۈپ ۋە ئەقىل – پاراسىتىنى ئىشقا سېلىپ، ئالاھىدە نەتىجىلەرنى ياراتتى. بۈگۈنكى كۈندە گۈزەل ئىلى ۋادىسىنىڭ ھەممىلا يېرىدىن جياڭسۇ ئامىلىنى تاپقىلى بولىدۇ، تۈردىن مەبلەغقىچە، خەلق تۇرمۇشىدىن كەسىپلەرگىچە، ئىختىساسلىقلاردىن ئىدىيەگىچە ئىلى ئوبلاستىنىڭ مۇقىملىق ۋە تەرەققىيات تومۇرىغا جياڭسۇنىڭ ئىلىم – پەن تەرەققىيات گېنى چوڭقۇر سىڭگەن.

    خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىدا ‹‹ئەڭ چەتتىكى بىر ئائىلە››گىچە نەپ يەتكۈزۈلدى

    شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتە خەلق تۇرمۇشى ئاساس. چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ ناھىيە بازىرى جەنۇبىي يېڭى رايونى، قاينۇق يېزىسىنىڭ چېجى كەنتى، ئايشىن سىرى بازىرىدىكى يەسلىلەر، توققۇزتارا ناھىيەلىك 2 – باشلانغۇچ مەكتەپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مەبلىغىدىن 170 مىليون يۈەن سېلىنغان كۆكدالا تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپى... يېڭىدىن سېلىنغان ھەر دەرىجىلىك مەكتەپلەر پۈتۈپ ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلۇپ، ئىلى ئوبلاستىنىڭ مائارىپ ئۇل ئەسلىھە شارائىتى يەنىمۇ ياخشىلاندى.

    ئۈچ يىلدىن بۇيان شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش تۈر قۇرۇلۇشلىرى يامغۇردىن كېيىنكى بامبۇك نوتىسىدەك ئارقا – ئارقىدىن باش كۆتۈردى، ئىلى ئوبلاستلىق ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيەلەش مەركىزى، يېزا، كەنتلەردىكى تېببىي خادىملارنى تەربىيەلەش مەركىزى، نەنجىڭ شەھىرى غۇلجا شەھىرىگە سېلىپ بەرگەن ‹‹جىنلىڭ›› ئۇيغۇر تېبابىتى دوختۇرخانىسى، شۈجۇ شەھىرى كۈيتۈن شەھىرىگە سېلىپ بەرگەن كېسەللىكلەرنى تىزگىنلەش مەركىزى، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ ئىگىلىك تىكلەش بويىچە يېتىشتۈرۈش باغچىسى، نەنتۇڭ شەھىرى غۇلجا ناھىيەسىگە سېلىپ بەرگەن 4 – باشلانغۇچ مەكتەپ، ياڭجۇ شەھىرى كۈنەس ناھىيەسىگە سېلىپ بەرگەن ئىگىلىك تىكلەش – ئىشقا ئورۇنلىشىش بويىچە تەربىيەلەش مۇلازىمەت مەركىزى، ياشلار، ئۆسمۈرلەر مەدەنىيەت پائالىيەت مەركىزى، تەيجۇ شەھىرى موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىگە سېلىپ بەرگەن تەيجۇ تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپى، ۋۇجىن رايونى نىلقا ناھىيەسىگە سېلىپ بەرگەن جىددىي بىر تەرەپ قىلىش قوماندانلىق سىستېمىسى، جاڭجياگاڭ شەھىرى توققۇزتارا ناھىيەسىگە سېلىپ بەرگەن جۇڭيى دوختۇرخانىسى، سۇجۇ شەھىرى قورغاس شەھىرىگە سېلىپ بەرگەن شىمالىي مەھەللە يۇرتداشلار مەركىزى، ليەنيۈنگاڭ شەھىرى قورغاس شەھىرىگە سېلىپ بەرگەن يەسلى قاتارلىق تۈرلەر ئېسىل ئۈلگە قۇرۇلۇشلاردىن بولۇپ قالدى.

    ئىلى ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ ئىلى ئوبلاستىغا نىشانلىق ياردەم بېرىش كادىرلار ئەترىتىنىڭ باشلىقى تيەن خۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا 8 – تۈركۈمدە نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدە 575 تۈر قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مەبلىغىدىن 5 مىليارد 39 مىليون 600 مىڭ يۈەن ئورۇنلاشتۇرۇلدى، بۇنىڭ ئىچىدە خەلق تۇرمۇشى تۈرى مەبلىغى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىلىدىغان ئومۇمىي مەبلەغنىڭ %80.9 ىنى ئىگىلەيدۇ. دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى، يېزا، كەنتلەرنىڭ مائارىپ، سەھىيە ئۇل ئەسلىھەسىنى ياخشىلاش، يېزا، كەنت يولىنى ئۆزگەرتىش، يېزىلارنىڭ ئىچىدىغان سۇ قۇرۇلۇشى، رادىيو – تېلېۋىزىيە بىلەن تولۇق قاپلاش قاتارلىق ئاساسىي قاتلامنىڭ خەلق تۇرمۇشىدا جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان تۈرلەر مەركەزلىك يولغا قويۇلدى. 47 مىڭ 310 ئائىلىلىك ‹‹چارۋىچىلارنى ئولتۇراقلاشتۇرۇپ چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش، ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش›› قۇرۇلۇشى، 57 ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ (يەسلى)، 59 دوختۇرخانا (شىپاخانا) سېلىندى.

    جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ ئىلى ئوبلاستىغا ياردەم بېرىپ سېلىپ بەرگەن خەلق تۇرمۇشى تۈر قۇرۇلۇشلىرى ئىلى ئوبلاستىدىكى دېڭىز يۈزىدىن ئەڭ ئېگىز يەر، ئەڭ چەت يېزا، كەنت، تەبىئىي شارائىتى ئەڭ ناچار جايلارنىمۇ تولۇق قاپلاپ، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى ‹‹ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر››غىچە يەتكۈزۈلۈپ، ‹‹ئەڭ چەتتىكى بىر ئائىلە››گىچە نەپ يەتكۈزۈش ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

    شىنجاڭغا كەسىپلەر بويىچە نىشانلىق ياردەم بېرىپ، چوڭ كەسىپلەر ئارقىلىق كەڭ كۆلەمدە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش

    جياڭسۇ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تۈرتكە بولغان، سۇجۇ شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمەت گۇرۇپپىسى كىرگۈزگەن شىنجاڭ قورغاس ‹‹خۇڭدۇ›› كىيىم – كېچەك چەكلىك شىركىتىنىڭ 2 – قارارلىق تۈرى 2016 – يىلى 4 – ئايدا ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، 5 مىليون يۈرۈش ئىچ كىيىم ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمى شەكىللىنىپ، يەرلىكتىكى نەچچە يۈز ئاز سانلىق مىللەت ئاياللىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسى ھەل قىلىندى. شۈجۇ شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمەت گۇرۇپپىسى كىرگۈزگەن، 5 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىنغان شىنجاڭ ‹‹تيەنخۇڭ›› توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ 1 – قارارلىق تۈرى پۈتۈپ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، 3000 دىن كۆپرەك كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا بىۋاسىتە تۈرتكە بولدى.

    جياڭسۇ ئۆلكىسى چوڭ كەسىپلەر مەركەزلەشكەن ئۆلكە بولۇشتەك ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› ئىستراتېگىيەسى پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، تىرىشىپ چوڭ كارخانىلار ئارقىلىق زور دەرىجىدە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، توقۇمىچىلىق، كىيىم – كېچەك كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى يېتەكلەش مەخسۇس مەبلىغى تەسىس قىلىپ، جياڭسۇ ‹‹جىنشېڭ››، ‹‹تيەنخۇڭ››، ‹‹خۇڭدۇ›› قورغاس كىيىم – كېچەك زاۋۇتى ۋە سەندۇڭ ‹‹بەيجېڭ›› گۇرۇھى قاتارلىق 3 مىليون ئۇرچۇقلۇق توقۇمىچىلىق كارخانىسى ۋە كىيىم – كېچەك تۈرىنى يەرلىككە ماكانلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلاندى، پات يېقىندا ئىلى ۋادىسىدا شىنجاڭدىكى مۇھىم توقۇمىچىلىق، كىيىم – كېچەك كەسىپ بازىسى قۇرۇلۇپ، 20 مىڭ ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

    جۇڭگو – قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزى دۇنيادىكى تۇنجى چېگرا ھالقىغان ئىقتىساد سودا رايونى ۋە سېلىنما ھەمكارلىق مەركىزى بولۇپ، سۇجۇ شىنجاڭغا كەسىپلەر بويىچە نىشانلىق ياردەم بېرىشتە 1 مىليارد 650 مىليون يۈەن مەبلەغ سالغان سۇجۇ – شىنجاڭ مەركىزى ئالدى بىلەن بۇ يەرگە ماكانلىشىپ، يىۋۇ خەلقئارا سودا شەھىرى قاتارلىق 26 نۇقتىلىق تۈرنىڭ جۇڭگو – قازاقىستان ھەمكارلىق مەركىزىگە كىرىپ ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى، 40 تىن كۆپ كارخانىنى سۇجۇ – شىنجاڭ مەركىزىگە كىرىپ ئورۇنلىشىشقا جەلپ قىلدى. ھازىر ھەمكارلىق مەركىزىدە تىجارەت قىلىدىغان سودىگەرلەر 2300 دىن ئېشىپ، 10 مىڭدىن كۆپ كىشى ئىشقا ئورۇنلاشتى. ئاسىيا – ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇق كۆۋرۈكىنىڭ شەرقىي ۋە غەربىي كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى بولغان ليەنيۈنگاڭ شەھىرى بىلەن قورغاس شەھىرى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى رايون ھالقىغان ئورتاق قۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمىنى ئىمزالىدى، ليەنيۈنگاڭ پورتى گۇرۇھى 285 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، جيەنچياۋ خەلقئارا ئوبوروت رايونىنى قۇرۇپ، قورغاس خەلقئارا ئوبوروت كەسپىنى زورايتىش – كۈچەيتىش ئۈچۈن ئۇل سالدى.

    جياڭسۇ ئۆلكىسى جياڭسۇ – ئىلى ئوبلاستى تەرەققىيات رايونىنى ‹‹بىرگە بىر›› قوشماقلىشىپ ئورتاق قۇرۇشنى پائال ئىلگىرى سۈردى، جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ 23 تەرەققىيات رايونى ئىلى ئوبلاستى ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ 4 –، 7 – شىسىدىكى 18 تەرەققىيات رايونى بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتتى. سودىگەر چاقىرىش، تونۇشتۇرۇش پائالىيىتىدىن 300 مەيدان (قېتىم)دىن كۆپ تەشكىللىدى، 200 دىن كۆپرەك كەسىپ بويىچە سودىگەر چاقىرىش تۈرى ئىمزالىنىپ، بۇ تۈرلەر يەرلىككە ماكانلاشتى، ئومۇمىي سېلىنما 48 مىليارد 500 مىليون يۈەنگە يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە 80 تۈر پۈتۈپ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، 8 مىليارد 700 مىليون يۈەن سېلىنما سېلىندى. جېنجياڭ شەھىرى سېلىپ بەرگەن قورغاس ئىقتىساد تەرەققىيات رايونى بىڭتۈەن شۆبە رايونى شىنجاڭ ‹‹خېڭشۈن›› ئاچچىقسۇ ۋە تېتىتقۇ ئىشلەپچىقىرىش بازىسى قاتارلىق 33 كەسىپ تۈرىنى بۇ يەرگە ماكانلىشىشقا جەلپ قىلدى، 300 مىليون يۈەن مەبلەغ ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، بۇ شۆبە رايون 2014 –، 2015 – يىلى بىڭتۈەن تەرىپىدىن ‹‹كەسىپلەر بويىچە شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتە كۆرۈنەرلىك تۆھپە مۇكاپاتى››غا ئېرىشتى. خۇەيئەن شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمەت گۇرۇپپىسى كىرگۈزگەن 18 تۈر شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ 7 – شىسىدا ئىمزالىنىپ، ئومۇمىي سېلىنما 3 مىليارد 202 مىليون يۈەنگە يەتتى.

    شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش يولى بىلەن ۋاسىتىچى بولۇش، ئۆسۈمى تولۇقلاپ بېرىلىدىغان قەرز پۇل بېرىش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولىدىغان زاۋۇتلارنى قۇرۇش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئىلى ئوبلاستىغا بىۋاسىتە قاراشلىق جايلار، ھەر بىر ناھىيە(شەھەر)دە بىردىن ئىككىگىچە مەخسۇس مىللىي قول ھۈنەرۋەنچىلىك بازىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا نۇقتىلىق ياردەم بېرىپ، 3000 دىن كۆپرەك ئاز سانلىق مىللەت ئاممىنىڭ يېقىن جايدا، ئۆز يۇرتىدا ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ئىگىلىك تىكلىشىگە تۈرتكە بولدى. جياڭيىن شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمەت گۇرۇپپىسى قورغاس ناھىيەسىگە قۇرۇپ بەرگەن ‹‹ئىشقا ئورۇنلىشىش مەيدانى›› تۈرىگە 15 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ، ناھىيەدىكى 11 يېزا – بازارنى تولۇق قاپلىدى، ئومۇمىي كۆلىمى 15 مىڭ كىۋادرات مېتىرلىق 38 ‹‹ئىشقا ئورۇنلىشىش مەيدانى›› يەرلىكتىكى مىڭلىغان ئاز سانلىق مىللەت ئاممىنى يېقىن ئەتراپتا ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

    ساياھەتچىلىك راۋاجلىنىپ، ئامما بېيىدى. جياڭسۇ ئۆلكىسى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە 953 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىپ، 32 تۈرلۈك ساياھەت ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، 300 مىڭغا يېقىن جياڭسۇلۇق ساياھەتچىنى ئىلى ئوبلاستىنى ساياھەت قىلىشقا تەشكىللەپ، 100 مىڭ كىشىنىڭ ساياھەتچىلىكتە ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، 10 مىليارد يۈەندىن كۆپ ئۇنىۋېرسال ساياھەت كىرىمى ياراتتى.

    ئەقلىي جەھەتتە ياردەم بېرىش يولى بىلەن ياردەم بېرىلىدىغان جايلارنىڭ ‹‹قان ئىشلەپچىقىرىش›› ئىقتىدارى ئاشۇرۇلدى

    شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئىختىساسلىقلار ئاچقۇچ. ئۈچ يىلدىن بۇيان جياڭسۇ ئۆلكىسى باشقۇرۇش، ئىقتىساد، مائارىپ، داۋالاش، ئەسقاتىدىغان، زاپاس ئىختىساسلىقلاردىن ئىبارەت ‹‹ئالتە چوڭ ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش قۇرۇلۇشى››نى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، شۇ يەردە يىلتىز تارتالايدىغان، ئىشلىيەلەيدىغان، ئېلىپ كەتكىلى بولمايدىغان كادىر ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى تىرىشىپ بەرپا قىلدى.

    ‹‹كىرگۈزۈش›› ۋە ‹‹چىقىرىش››نى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، جياڭسۇ. ئىلى ئوبلاستى دەرسخانىسى، داڭلىقلار لېكسىيەسى، ئىلمىي مۇھاكىمە ۋە يىپەك يولى ئىلى مۇنبىرى قاتارلىقلارنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئاقىللار ئامبىرى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ۋەزىپە بىلەن چېنىقىش، تەربىيەلەشكە ھاۋالە قىلىش، ئوقۇش تارىخىنى ئۆستۈرۈش، ئىختىساسلىقلارنى جانلىق كىرگۈزۈش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئەقلىي جەھەتتە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش سالمىقىنى ئاشۇردى، ئۈچ يىلدىن بۇيان شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مەبلىغىدىن جەمئىي 267 مىليون يۈەن ئاجرىتىپ، 1277 تۈرنى يولغا قويدى، تۈرلۈك كادىر ئىختىساسلىقلاردىن 279 مىڭ ئادەم (قېتىم) تەربىيەلىدى، تۈرلۈك يوللار ئارقىلىق 2980 ئىختىساس ئىگىسىنى جانلىق كىرگۈزدى. ئۇلار شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتە قانات يايدۇرغان مائارىپ، داۋالاش بويىچە ‹‹ئۆمەك بولۇش شەكلى›› كىشىلەرنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىدى. ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ، ‹‹جياڭسۇدىكى داڭلىق ئوقۇتقۇچى، داڭلىق دوختۇرلارنىڭ ئىلى سەپىرى››، ‹‹پىشقان دوختۇرلارنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىشى››، ‹‹جياڭسۇ ئۆلكىسى – ئىلى ئوبلاستى لوڭقىسى <قوش تىل> ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئوقۇتۇش ئىقتىدارى مۇسابىقىسى›› قاتارلىق داۋالاش، مائارىپقا ياردەم بېرىش پائالىيەتلىرى ئارقىلىق يەرلىكنىڭ ئۈلگىلىك مەكتەپ، ئۈلگىلىك سىنىپ تەسىس قىلىشى، دوختۇرخانىلارنىڭ مەخسۇس بۆلۈملەرنى قۇرۇشىغا مەدەت بېرىپ، بىرلىشىپ ‹‹داڭلىق مەكتەپ، داڭلىق دوختۇرخانا›› قۇردى.

    جياڭسۇ نەنتۇڭدىن تاللاپ ئەۋەتكەن مەكتەپ مۇدىرى جۇ يۈنچى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان ئوقۇتقۇچىلارنى باشلاپ غۇلجا شەھەرلىك 2 – ئوتتۇرا مەكتەپكە ياردەم بەرگەن قىسقىغىنا ئىككى يىل ئىچىدە بەش ئوقۇغۇچىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نومۇرى 600 دىن ئاشتى؛ قورغاس ناھىيەلىك جياڭسۇ ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ‹‹ۋۇشى. جياڭيىن سىنىپى››دىكى 49 ئوقۇغۇچىنىڭ تولۇق كۇرسنىڭ 1 – تۈركۈمىگە ئۆتۈش نىسبىتى %11كە يەتتى. ماھارەتنى ئۆستۈرۈش گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغىدىن 445 مىليون يۈەن ئاجرىتىلىپ، كەسپىي مائارىپ سەۋىيەسى ئۆستۈرۈلدى، ‹‹قوش كىنىشكا، قوش ئىقتىدار››لىق ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەش كۈچەيتىلىپ، كەسپىي ماھارەت بويىچە ئاممىۋى، ئەمەلىي مەشىق بازىسى قۇرۇلۇشى يۈكسەلدۈرۈلۈپ، رايوندا داڭلىق مەكتەپ، مەكتەپتە داڭلىق كەسىپ، كەسىپتە داڭلىق ئوقۇتقۇچى، ئوقۇتقۇچىنىڭ داڭلىق شاگىرتى بولۇشتىن ئىبارەت ‹‹تۆت داڭلىق›› قۇرۇلۇش يولغا قويۇلدى، سانائەت ئىشچىلىرى، يېزا – قىشلاق مۇتەخەسسىسلىرىنى تەربىيەلەش نۇقتىلىق قانات يايدۇرۇلدى، ئىلى ئوبلاستلىق ئالىي تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپى بۇ يىل مەملىكەتلىك كەسپىي ئىنستىتۇتلار ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىقىسىدە ئىككى تۈردە 2 – دەرىجىلىك ۋە ئۈچ تۈردە 3 – دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشىپ، تارىخىي بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇردى.

    ئىلى ئوبلاستىدىكى ئوبلاست، ناھىيە – شەھەرلەردىكى ئىككى دەرىجىلىك 80 سەھىيە ئاپپاراتى، 231 نۇقتىلىق بۆلۈم – ئىشخانا جياڭسۇ ئۆلكىلىك، شەھەرلىك دوختۇرخانا، بۆلۈم – ئىشخانىلار بىلەن قوشماقلىشىش مۇناسىۋىتى ئورناتتى. جياڭسۇنىڭ سەھىيە جەھەتتە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتىكى زور مەدىتى بىلەن ئىلى ئوبلاستلىق شىنخۇا دوختۇرخانىسى 3A دەرىجىلىك دوختۇرخانىلارنى باھالاپ ئۆتكۈزۈۋېلىشتىن ئوڭۇشلۇق ئۆتتى، ئوبلاستلىق دوستلۇق دوختۇرخانىسى بەدەن سىرتى دەۋرىي يۈرەك ئوپېراتسىيەسىنى مۇستەقىل قىلالايدىغان بولدى، غۇلجا شەھەرلىك خەلق دوختۇرخانىسى نەنجىڭ شەھىرىدىكى بەش دوختۇرخانا بىلەن يىراق مۇساپىلىك دىياگنور قويۇش – داۋالاش مەركىزى قۇردى. ئۈچ يىلدىن بۇيان جياڭسۇدىن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن دوختۇرلار جەمئىي 403 مىڭ 500 ئادەم (قېتىم) كېسەل كۆردى، 56 مىڭ 800 كېسەلگە كوللېكتىپ دىياگنوز قويدى، تۈرلۈك ئوپېراتسىيەدىن 14 مىڭ 700 گە رىياسەتچىلىك قىلدى ۋە قاتناشتى، خەتەرلىك، ئېغىر كېسەلدىن 34 مىڭ 600 ئادەم (قېتىم) قۇتقۇزدى، 700 دىن كۆپ يېڭى تېخنىكا، يېڭى تۈرنى كىرگۈزدى.

    قوشماقلىشىپ ئورتاق قۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى ئېچىلدۇردى

    جياڭسۇ ئۆلكىسى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتە جياڭسۇ ئۆلكىسى – ئىلى ئوبلاستى ئوتتۇرىسىدىكى بېرىش – كېلىش قىلىش، ئالاقە ئورنىتىش، بىرلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە يۇغۇرما تەرەققىياتنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىم ۋاسىتىسى قىلدى. جياڭسۇ ئۆلكىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن ئىلى ئوبلاستلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشى ۋە بىرلىشىپ ئىلگىرى سۈرۈشى بىلەن، ئىلى ئوبلاستىغا ياردەم بېرىش يولى ئارقىلىق ئىككى تەرەپنىڭ ھەرقايسى قاتلام، ھەرقايسى ساھەدىكى خادىملىرىنىڭ ئالاقە باغلىشى، بېرىش – كېلىشى 160 مىڭ ئادەم (قېتىم)غا يەتتى، ئىككى جايدىكى 1000 دىن كۆپ ئورگان، ئورۇن زىچ ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتتى ھەم ‹‹ھەر مىللەت ياشلار، ئۆسمۈرلەر قول تۇتۇشقان يازلىق لاگېر››، ‹‹گۈزەل يۇرت – ماكاننى ئورتاق قۇرۇش›› قاتارلىق ئالاقە ئورنىتىش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇردى.

    جياڭسۇ ئۆلكىسى – ئىلى ئوبلاستى ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنىڭ قوشماقلىشىپ يۆلەش – ئورتاق قۇرۇش ئىشلىرى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىشى جياڭسۇنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتىكى بىر چوڭ ئىجادىيىتى. جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ ئىلى ئوبلاستىغا ياردەم بېرىش خىزمەت ئەترىتى ‹‹بىر كەنت، بىر مەھەللە›› بىلەن ئالاقىلىشىپ ياردەم بېرىش تۈزۈمىنى ئورناتتى، خىزمەت ئەترىتى ۋە ئالدىنقى سەپتىكى 14 خىزمەت گۇرۇپپىسى جەمئىي 28 نۇقتىلىق كەنت، مەھەللە بىلەن قوشماقلىشىپ يۆلىدى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن 350 كادىر ئىختىساسلىقلارمۇ نامرات ئائىلە ياكى قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلار بىلەن قوشماقلاشتى، يۆلەش تۈرىگە جەمئىي 98 مىليون يۈەندىن كۆپ مەبلەغ سېلىندى. ‹‹يۈز كەنت قوشماق بولۇش›› خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، جۇڭگودىكى ئەڭ تەرەققىي قىلغان رايوندىكى كەنت دەرىجىلىك تەشكىلات بىلەن ئىلى ئوبلاستىدىكى يېزا – بازارلارنى ئالاقە باغلاتقۇزدى. ھازىر، جياڭسۇ ئۆلكىسى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدا جەمئىي 116 نۇقتىلىق يېزا – بازار، كەنت (مەھەللە، ليەندۈي) قوشماق بولۇش – ئورتاق قۇرۇش مۇناسىۋىتى ئورناتتى، قوشماق بولۇش – يۆلەش ئۈچۈن سەرپ قىلغان مەبلەغ 53 مىليون يۈەندىن ئېشىپ كەتتى.

    جياڭسۇ ئۆلكىسى ئىلى ئوبلاستىغا ياردەم بېرىشتە ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بارلار، ئېغىر مېيىپلەرگە ياردەم بېرىش، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ئەلاچى ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ئىش ئورنىدىن قالغانلارغا ياردەم بېرىش، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرگە ياردەم بېرىش ۋە ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار دېھقانلارغا ئەمەلىي ماھارەت ئۆگىتىش، كىرىمىنى ئاشۇرۇپ نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇپ بويىچە ‹‹ئالتە چوڭ مېھىر – شەپقەت يەتكۈزۈش پائالىيىتى››نى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، ‹‹مېھرىبان جياڭنىڭلىقلار تېكەسكە ئىللىقلىق يەتكۈزۈش››، ‹‹پورت شەھىرى مېھرى، توققۇزتارا رىشتى›› قاتارلىق خاسلىققا ئىگە مېھىر – شەپقەت ماركىلىرىنى تىكلەپ، قىيىنچىلىقى بار ئامما، نامرات يېزا، كەنتكە مەبلەغ، ئۈسكۈنە، تېخنىكا، ئىللىقلىق يەتكۈزۈپ، ئۈچ يىلدا 230 مىليون يۈەن قىممىتىدىكى ماددىي بۇيۇم ۋە پۇل ئىئانە قىلدى.

    ‹‹جياڭسۇ مەدەنىيەت كەسپىنى ئىلى ئوبلاستىغا يەتكۈزۈش پائالىيەت ھەپتىلىكى››، ‹‹جياڭسۇ ئەدەبىيات – سەنئەت سەييارە ئويۇن قويۇش ھەپتىلىكى››، جياڭسۇلۇق خەتتات، رەسساملارنىڭ ‹‹ھەيۋەتلىك جياڭسۇ. گۈزەل ئىلى›› ھۆسنخەت، رەسىم كۆرگەزمىسى، جياڭسۇ ئۆلكىسى – ئىلى ئوبلاستى ھۆسنخەت، رەسىم سەنئەتكارلىرى ئالاقىلىشىش ھەمتۈرتكە پائالىيىتى، ‹‹يىپەك يولى سەپىرى. جياڭسۇ – ئىلى رىشتى›› جياڭسۇ ئەدەبىيات – سەنئەت سەييارە ئويۇنى قاتارلىق ئېسىل يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەرنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، ئىككى جايدىكى ئامما ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. شۈجۇ شەھىرى بىلەن مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى شىنيىڭ گۇرۇھى بىرلىشىپ سۈرەتكە ئالغان 45 قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى ‹‹شيېيۇ مەلىكە›› مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 8 – قانىلىدا قويۇلۇپ، ئىككى جايدىكى مىللەتلەرنىڭ ئالاقە قىلىش ۋە بىرلىشىش تارىخىنى قايتا نامايان قىلدى.

    بۇ ئۈچ يىلدىن بۇيان جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ ئىلى ئوبلاستىغا ياردەم بەرگەن كادىر ئىختىساسلىقلىرى چوڭ ئائىلىنى دەپ ئۆزىنىڭ كىچىك ئائىلىسىدىن ۋاز كېچىپ، يىراق مۇساپىنى بېسىپ چېگرا رايونغا كېلىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە خالىس ئاتلاندى، ئۈچ يىل ئىچىدە زور بىر تۈركۈم ئىلغار كوللېكتىپ ۋە شەخسلەر مەيدانغا كېلىپ، 25 يولداش ئاپتونوم رايون ۋە ئىلى ئوبلاستىنىڭ تۈرلۈك تەقدىرلەشلىرىگە ئېرىشتى. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتىكى ئىلغار كادىر ۋاڭ خۇا، شېن جۇڭ خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن ياشلىق باھارى ۋە قىممەتلىك ھاياتىنى تەقدىم قىلدى.

    بۇ ئۈچ يىلدا، ئىلى خەلقى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئىللىقلىقىنى، جياڭسۇ خەلقىنىڭ چوڭقۇر دوستلۇقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدى. قېرىنداشلار بىر نىيەتتە بولسىلا ھەممىدە غالىب كېلىدۇ. جياڭسۇنىڭ ياردىمىگە تەڭرىتاغ گۇۋاھ؛ جياڭسۇنىڭ تۆلىگەن بەدەللىرى ئىلى دەرياسى ۋادىسىدا مەڭگۈ خاتىرىلىنىدۇ.(تامام)

[ۋۇ ۋېنشيا]
010020070830000000000000011100001359610661