سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

چاغانلىق دەم ئېلىش ۋاقتى چاغان ھارپا كۈنىدىن باشلاپ چاغاننىڭ 6- كۈنىگىچە جەمئىي يەتتە كۈن بولىدۇ

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: خەلق تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-01-06

    گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى ئۇقتۇرۇشىنىڭ روھىغا ئاساسەن، شەھەرلىك ھۆكۈمەت بەنگۇڭتىڭى تۈنۈگۈن 2017- يىللىق چاغانلىق دەم ئېلىش كۈنلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلدى. مەزكۇر ئۇقتۇرۇشتا دېيىلىشىچە، 1- ئاينىڭ 27- كۈنى (جۈمە)دىن 2- ئاينىڭ 2- كۈنى (پەيشەنبە) گىچە دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدىكەن، يەنى چاغانلىق دەم ئېلىش كالېندارى بويىچە، چاغان ھارپا كۈنىدىن باشلاپ چاغاننىڭ 6- كۈنىگىچە جەمئىي يەتتە كۈن بولىدىكەن. 1- ئاينىڭ 22- كۈنى(يەكشەنبە)، 2- ئاينىڭ 4- كۈنى(شەنبە) نورمال خىزمەت ۋاقتى بولىدىكەن.

    ئۇقتۇرۇشتا يەنە مۇنداق دېيىلگەن، بايراملىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، تارماقلار دىجورنىلىق، بىخەتەرلىك ۋە قوغداش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇشى، زور تاسادىپىي ۋەقە يۈز بەرگەندە، بەلگىلىمە بويىچە ۋاقتىدا دوكلات قىلىشى ھەمدە مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ تىنچ ۋە خاتىرجەم بايرام ئۆتكۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك .

    گوۋۇيۈەننىڭ «چوڭ ھېيت-بايراملاردا كىچىك تىپلىق يولۇچىلار ئاپتوموبىلىنىڭ يول ھەققىنى ھەقسىز قىلىشنى يولغا قويۇش لايىھەسى»گە ئاساسەن، دۆلەت قانۇنىدا بەلگىلەنگەن باھار بايرىمى، چوكانتال بايرىمى، ئەمگەكچىلەر بايرىمى ۋە دۆلەت بايرىمى قاتارلىق تۆت بايرام ۋە دەم ئېلىش كۈنلىرى، ھەمدە شۇ يىلى گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ ھۆججىتىدە بېكىتىلگەن ھەمدە قانۇندا بەلگىلەنگەن يۇقىرىقىدەك ھېيت-بايراملار ۋە ئۇلاپ دەم ئالىدىغان كۈنلەر يوللاردا ھەقسىز يۈرۈش ۋاقتى قىلىپ بېكىتىلگەن. ھەق ئېلىنىدىغان تاشيوللاردا يۈرگەن يەتتە كىشىلىكتىن تۆۋەن (يەتتە كىشىلىكنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) يولۇچىلار ئاپتوموبىللىرى ھەقسىز يول يۈرۈشكە بولىدىكەن. بۇ بەلگىلىمىدە، ئادەتتىكى ھەق ئېلىنىدىغان تاشيوللاردا يۈرگەن موتوسىكلىتنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن، 2017- يىلى چاغانلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللاردا يۈرۈيدىغانلارنىڭ ھەقسىز يۈرۈش ۋاقتى 2017- يىلى 1- ئاينىڭ 27- كۈنى (كالېندارى بويىچە ھارپا كېچىسى) سائەت 0دىن باشلاپ 2017- يىلى 2- ئاينىڭ 2- كۈنى (كالېندارى بويىچە چاغاننىڭ 6- كۈنى) سائەت 24 گىچە بولىدۇ، دەپ بېكىتىلدى.‏(تامام)‏

 

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001359610331