سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ دائىمىي كومىتېت يىغىنىدا «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش- تەربىيەسىنى يەنىمۇ پۇختا، ياخشى قانات يايدۇرۇش مۇزاكىرە قىلىنىپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-01-06

     ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 1- ئاينىڭ 5- كۈنى چۈشتىن كېيىن دائىمىي كومىتېت يىغىنى ئاچتى، يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ ئاپتونوم رايون بويىچە «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش- تەربىيەسىنىڭ قانات يايدۇرۇلۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش- تەربىيەسىنى يەنىمۇ چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش مۇزاكىرە قىلىنىپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

    يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش- تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش − پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنىڭ ئىدىيەۋى- سىياسىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىكى مۇھىم ئورۇنلاشتۇرمىسى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىشنىڭ مۇھىم كاپالىتى، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشنى ئاساسىي قاتلامغىچە كېڭەيتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم يول، پارتىيەنىڭ ئۆزىنى پاكلاشتۇرۇش، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۆزىنى يېڭىلاش، ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتىكى مۇھىم ئەمەلىيەت، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك تارماقلار، پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلار ئىدىيەۋى تونۇشىنى ئۆستۈرۈپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە قارىتىپ، تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئۆگىنىش- تەربىيە خىزمىتىدە ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

    يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونىمىز شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ باغلاپ، كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ ۋە ئورۇنلاشتۇرۇپ، بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئەستايىدىل قاتنىشىپ، «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» خىزمىتىدە باسقۇچ خاراكتېرلىك مۇھىم نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش- تەربىيەسى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، ئۆگىنىش- تەربىيەنى دائىملاشتۇرۇشنى، ئۇزاققىچە ئۈنۈم ھاسىل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

    بىرىنچىدىن، ئىدىيە جەھەتتە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيەلىك كادىرلار ئۆگىنىش- تەربىيە داۋامىدا «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش»نىڭ مۇھىملىقى، تەخىرسىزلىكىگە بولغان تونۇشىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش يۈكسەكلىكى، نۇرغۇنلىغان يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇلۇغ كۈرەشنى تېخىمۇ ياخشى قىلىش يۈكسەكلىكى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش- تەربىيەسىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇش ئاڭلىقلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، مەسئۇلىيەت ئېڭى ۋە بۇرچ ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە قائىدىسىنى ئۆگىنىش، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسىنى ئۆگىنىش، لاياقەتلىك پارتىيە ئەزاسى بولۇشنى پارتىيە ئەزالىرىنى تەربىيەلەشتىكى ئۇزاق ئۈنۈملۈك ۋەزىپە قىلىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتى ۋە «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش- تەربىيەسىنى چىڭ تۇتۇشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشنى ھەر بىر پارتىيە ياچېيكىسى، ھەر بىر پارتىيە ئەزاسىغىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىش- تەربىيەنىڭ تۈرلۈك ۋەزىپىلىرىنى ئاساسىي قاتلامغىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

    ئىككىنچىدىن، ئۆگىنىش جەھەتتە تېخىمۇ ئاڭلىق بولۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم (پارتگۇرۇپپا) لار پارتكوم (پارتىيە گۇرۇپپىسى) يىغىنى ئېچىش، مەركىزىي نەزەرىيە ئۆگىنىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆگىنىشى قاتارلىق شەكىللەردە مەخسۇس تېمىدا ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، قەلبلەرگە سىڭدۈرۈشى، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈشى؛ ھەرقايسى پارتىيە ياچېيكىلىرى پارتىيە ئەزالىرى يىغىنى، پارتگۇرۇپپا يىغىنى ئېچىش، پارتىيە دەرسى ئۆتۈش ۋە ياچېيكا باش تېمىلىق پارتىيە كۈنى ئۆتكۈزۈش قاتارلىق شەكىللەردىن پايدىلىنىپ، پارتىيە ئەزالىرىنى مەركەزلىك ئۆگىنىش، مۇزاكىرە قىلىش، پىكىر ئالماشتۇرۇشقا تەشكىللىشى؛ جايلار، تارماقلار، ئورۇنلار مۇھاكىمە كۇرسى، تەربىيەلەش كۇرسى ئېچىش قاتارلىق شەكىللەردە مۇددەت، تۈركۈم، قاتلامغا بۆلۈپ ھەر دەرىجىلىك پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلارنى نۆۋەت بىلەن تەربىيەلىشى كېرەك. نەزەرىيەنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرىدىغان ئۆگىنىش ئىستىلىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، روھىي ماھىيىتىنى چۈشىنىش، ئاساسىي تەلەپنى ئىگىلەش، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە كۈچ سەرپ قىلىشى كېرەك.

    ئۈچىنچىدىن، تېخىمۇ زىچ بىرلەشتۈرۈش كېرەك. پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە قائىدىسىنى ئۆگىنىش، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىشنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، بوشاشماي دائىم تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ج ك پ 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، مەركەزنىڭ 2- قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭدا خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى ۋە شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى بىر قاتار مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەرگەن ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئەسلىي ئەسەرنى ئوقۇش، ئەسلىي تېكىستنى ئۆگىنىش، پىرىنسىپنى چۈشىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىخلاس، مۇھەببەت، بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن ئۆگىنىپ، ئۆگەنگەنگە ئىشىنىش، ئۆگەنگەننى ئىشلىتىش، ئۆگەنگەنگە ئەمەل قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

    تۆتىنچىدىن، ئۈنۈمنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك. قاتتىق بولۇشنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇش، مەسىلىنى ھەل قىلىش ئارقىلىق يېتەكلەش، تەپسىلىي، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش- تەربىيەسى پائالىيىتىدە تېخىمۇ زور نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. سىياسىيدا قەتئىي بولۇپ، سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئىدىيە، سىياسەت، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغداش؛ ئىدىيەدە بىرلىككە كېلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى ئاڭلىقلىق، قەتئىيلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ شىنجاڭدا ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاق- مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىناق- ئىتتىپاق، باي- باياشاد، مەدەنىي، تەرەققىي قىلغان، خەلق خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قىلىپ قۇرۇپ چىقىش؛ قوشۇن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ياخشى كادىر ئۆلچىمى ۋە مىللىي رايونلاردىكى كادىرلارنىڭ سىياسىي ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي، ئىقتىدار، ئىستىل جەھەتتە كۈچلۈك، يۇقىرى ساپالىق كادىرلار قوشۇنىنى تىرىشىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك؛ ئىستىلدا دۇرۇس بولۇپ، راستچىل- ئەمەلىيەتچىل بولۇش ئىستىلىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، راست سۆزلەپ، غەيرەتنى ئۇرغۇتۇپ، ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىپ، ئەمەلىي ئىش قىلىپ، مىنۇت- سېكۇنتنى قەدىرلەپ، تېز ھەرىكەت قوللىنىپ، ھەر قانداق ئىشتا مەقسەتكە يەتمىگۈچە بولدى قىلماي، ئىشنى ئاخىرغىچە ياخشى داۋاملاشتۇرۇپ، قەتئىي ۋاز كەچمەي، چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش؛ خىزمەتتە دادىل بولۇپ، مەجبۇرىيەتنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، جان- دىل بىلەن ئىشلەپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، ھالقىلىق پەيتتە ئوتتۇرىغا چىقىپ، بەرداشلىق بېرىپ، جەڭدە غەلىبە قىلىپ، چوڭ ھەق، چوڭ ناھەق مەسىلىسىگە دۇچ كەلگەندە ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، زىددىيەتلەرگە يولۇققاندا قىيىنچىلىقتىن قاچماي، كىرىزىسقا يولۇققاندا كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، خاتالىق ئالدىدا مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، ناتوغرا ئىستىل ۋە يامان كەيپىيات بىلەن قەتئىي كۈرەش قىلىش؛ تەلەپتە قاتتىق بولۇپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە نىزامنامىسى ۋە پاك- ئىنتىزامچان بولۇش مىزانىغا قاتتىق رىئايە قىلىپ، ئىنتىزام چارىسى نىزامى، مەجبۇرىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش نىزامىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، قانۇن بويىچە ھوقۇق يۈرگۈزۈپ، ھوقۇقنى توغرا ئىشلىتىپ، ھوقۇقنى پاكىز ئىشلىتىپ، مەركەزنىڭ «سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمە»سىنىڭ روھى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ «ئون تۈرلۈك بەلگىلىمە»سىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۇرۇس، پاك- دىيانەتلىك ئەمەلدار بولۇش؛ ئىستىلدا پاك بولۇپ، سەمىمىي كىشىلەرنى زىيانغا ئۇچراتماسلىق، «قابىلىيەتسىز، ساختىپەز» لەرنى ھوقۇق- مەنپەئەتكە يېقىن يولاتماي، «سەمىمىي ئادەم بولۇش، سەمىمىي، راست سۆزلەش، ئەمەلىي ئىش قىلىش» يۆنىلىشىنى بەلگىلەپ، سىياسىيدا مۇستەھكەم، ھەقىقىي ئىشلەيدىغان، دادىل ئىسلاھ قىلىدىغان، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئالىدىغان، ئىستىلى دۇرۇس كادىرلارنى ئالدىنئالا ئۆستۈرۈپ ئىشلىتىش؛ نىشاننى مەۋقەگە مۇجەسسەملەپ، باش نىشاننى چىڭ تۇتۇپ، باش نىشاننى شىنجاڭ خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىدىغان ئومۇمىي پىروگرامما قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، بارلىق خىزمەتلەرنى باش نىشان ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇپ، بويسۇندۇرۇپ، باش نىشاننى چۆرىدەپ كۈچەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش كېرەك.

    يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇزاكىرە قىلىندى.

    ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شۆھرەت زاكىر، نەيىم ياسىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، لى پېڭشىن، شاۋكەت ئىمىن، لى شۆجۈن، سارقىت ئاقان يىغىنغا قاتناشتى.(تامام)

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001359610221