سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، چىڭ تۇتۇپ ھەقىقىي ئىشلەش كېرەك

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-01-06

    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا: 2016 – يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك يەكۈنلىنىپ، 2017 – يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنىڭ يۆنىلىشى ۋە نىشانى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. كېيىنكى قەدەمدە، يىغىننىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھەقىقىي چىڭ تۇتۇپ، رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، چىڭ تۇتۇپ ھەقىقىي ئىشلەپ، يىغىننىڭ روھىنى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى تىرىشىپ يارىتىشىمىز كېرەك.

    ھازىر شىنجاڭ يەنىلا ‹‹ئۈچ مەزگىل گىرەلەشكەن›› كەسكىن ۋەزىيەتكە دۇچ كېلىۋاتىدۇ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا نۇرغۇن قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەر مەۋجۇت، ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمى چوڭراق. 2017 – يىلى پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى ئېچىلىدىغان يىل بولۇپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرىدىغان، شۇنداقلا 13 – بەش يىللىق يىرىك پىلاننى يولغا قويۇپ، ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرىدىغان مۇھىم بىر يىل. 2017 – يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئەھمىيىتى ۋە مەسئۇلىيىتى زور، شۇڭا چىڭ تۇتۇپ ھەقىقىي ئىشلەپ، يىغىننىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، بېكىتىلگەن نىشان – ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداش ھەممىدىن مۇھىم.

    2017 – يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ۋە بېكىتىلگەن نىشان – ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداشنىڭ مۇھىم ھالقىسى پارتىيە رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىشتە. ئالدى بىلەن، مەسئۇلىيەتنى كۈچەيتىپ، مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئىقتىساد خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى مەركەز قىلىشتا باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىساد خىزمىتىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، ئىقتىساد خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش فۇنكسىيەسىنى ياخشى ئادا قىلىپ، ئومۇمىيەتنى ياخشى باشقۇرۇپ، يۆنىلىشنى پۇختا ئىگىلەش كېرەك. ئىقتىساد خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىك مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ‹‹ئىككى بەنزە›› مېخانىزمىنى داۋاملىق ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىملىق ۋە تەرەققىياتنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، مۇقىملىق ۋە تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ ئىككى مۇھىم ھالقىنى چىڭ تۇتۇپ، بىر بەنزە پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشىپ مۇقىملىقنى قوغداشقا ئاتلىنىشى، يەنە بىر بەنزە كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ تەرەققىياتنى چىڭ تۇتۇشى، دەرىجىمۇدەرىجە تۇتۇش، قاتلاممۇقاتلام ئەمەلىيلەشتۈرۈش مەسئۇلىيەت مېخانىزمىدا چىڭ تۇرۇشى كېرەك؛ ئىقتىساد خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش، ئورۇنلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەرەققىيات سۈرئىتى نىشانىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش؛ ھەرقايسى ئىقتىسادىي تارماقلار ئىش تەقسىماتى بويىچە كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ سىلىق، تەرتىپلىك يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. پارتىيە رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىشتە، ئىشنى ئۆزىدىن باشلاپ، ماھارەت ۋە ئىقتىدارنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك. ماركسىزملىق سىياسىي ئىقتىساد ئىلمىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەرەققىيات ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى ھەقىقىي كۈچەيتىش؛ يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، كەسپىي تەپەككۇرنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ۋە پىكىر يۈرگۈزۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلىش، ھەل قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش؛ ‹‹مۇقىملىق›› ۋە ‹‹تەرەققىيات›› نىڭ مۇناسىۋىتىنى پۇختا ئىگىلەپ، خەۋپ – خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش – تىزگىنلەش ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، خەۋپ – خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش – تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك.

    2017 – يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، بېكىتىلگەن نىشان – ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم ھالقىسى چىڭ تۇتۇپ ھەقىقىي ئىشلەشتە. چىڭ تۇتۇپ ھەقىقىي ئىشلەشتە، ئىدىيە جەھەتتە ئازاد بولۇپ، قاراشنى يېڭىلاش كېرەك. ھازىر ئاپتونوم رايونىمىز مۇقىملىق ۋە تەرەققىياتتا ‹‹ئۈچ مەزگىل گىرەلەشكەن›› ئالاھىدە باسقۇچتا تۇرۇۋاتىدۇ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇشنىڭ ‹‹باش توسمىسى›› نى ئېچىپ، مۇقىملىق ۋە تەرەققىياتقا توسقۇنلۇق قىلىدىغان ئىدىيە جەھەتتىكى توسالغۇلارنى قەتئىي يېڭىپ، ئىدىيەدە ھەقىقىي ئازاد بولۇش، قاراشنى ھەقىقىي يېڭىلاش ئارقىلىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ زور تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئىش ئورنىنى سۆيۈپ، كەسپىنى قەدىرلەپ، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، راستچىل – ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، چىڭ تۇتۇپ ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلىشى كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، بايرىقى روشەن ھالدا يۆنىلىشنى توغرا تۇرغۇزۇپ، كۈچنى مۇجەسسەملەش؛ جامائەت پىكرىگە پائال يېتەكچىلىك قىلىپ، يېڭى كەيپىيات يارىتىش كېرەك.

    2017 – يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنىڭ مۇھىم سىياسەت ۋە يۆنىلىشى بېكىتىلدى، ۋەزىپە مۈشكۈل، مەسئۇلىيەت ئېغىر. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، چىڭ تۇتۇپ ھەقىقىي ئىشلەپ، ئىقتىسادنىڭ سىلىق، مۇقىم، ساغلام تەرەققىي قىلىشى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىناق ۋە مۇقىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىشىنى ئەلا نەتىجىلىرىمىز بىلەن كۈتۈۋېلىشىمىز كېرەك.(تامام)

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001359610181