سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش باشلاندى

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-01-06

    2017-يىلى ئاپرېل ئېلىنىدىغان ئالىي مائارىپ بويىچە ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ئىمتىھانى ۋە ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىنى بېكىتىشتىكى «پېداگوگىكا»، «پسىخولوگىيە» دەرسلىرى ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش خىزمىتى 5-يانۋار باشلاندى. مۇخبىرنىڭ 3-يانۋار شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ ئىمتىھان بېرىش ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، تىزىلىتىش توردا تىزىمغا ئالدۇرۇش، توردا چىقىم قىلىش ئۇسۇلى بويىچە ئېلىپ بېرىلىدىكەن.

    ئىگىلىنىشىچە، «جامائەت خەۋپسىزلىكى باشقۇرۇشى، تۈرمە باشقۇرۇش» كەسپىدىن ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ تىزىمغا ئالدۇرۇش، رەسمىيەت بېجىرىش ئىشلىرىنى ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ۋە ئەدلىيە سىستېمىسى مەسئۇل بولۇپ، كوللېكتىپ بېجىرىدىكەن، ئىمتىھان ھەققىنى ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ۋە ئەدلىيە سىستېمىسى يىغىپ بولۇپ، شۇ جايدىكى ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەردىن ئىمتىھان ئېلىش ئىشخانىسىغا تاپشۇرىدىكەن.

    «پەرۋىش» كەسپىدىن ئىمتىھان بەرگۈچىلەر چوقۇم سەھىيە تۈرىدىكى كەسپىي سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىنى تاپشۇرۇشى كېرەك، شۇ جايدىكى ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەردىن ئىمتىھان ئېلىش ئىشخانىسى كەسىپ سالاھىيىتىنى تەكشۈرگەندىن كېيىن، ئەنئەنىۋى ئۇسۇل بىلەن قولدا تىزىملايدىكەن.

    بىرىنچى باسقۇچ توردا تىزىملىتىش ۋاقتى 5–يانۋار سائەت 10دىن 25-يانۋار سائەت 20گىچە؛ ئىككىنچى باسقۇچ 1-مارت سائەت 10:00دىن 20-ئۆكتەبىر سائەت 20؛00گىچە بولۇپ، نەق مەيداندا جەزىملەشتۈرۈش ۋاقتى 8-مارتتىن 10-مارتقىچە ئىكەن.

    ئىگىلىنىشىچە، ماشىنا بىلەن ئېلېكتىروننى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى(مەخسۇس كۇرس) قاتارلىق 13 خىل كەسپتن ئېلىنىدىغان ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ئىمتىھانى توختىتىلغان بولۇپ، 2017-يىلى ئاپرېلدىكى ئىمتىھان ۋاقتىدىن باشلاپ يېڭى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنمايدىكەن.(تامام)

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001359610151