سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى تەنتەربىيە مەشىق 1- چوڭ ئەترىتىگە جەمئىيەتتىن ئاشكارا 10 نەپەر خادىم قوبۇل قىلىنىدۇ

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-01-06

     ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ تەستىقى بىلەن ، ئاپتونوم رايونغا قاراشلىق تەنتەربىيە مەشىق 1- چوڭ ئەترىتىگە جەمئىيەتتىن ئاشكارا 10 نەپەر خادىم قوبۇل قىلىنىدۇ.كونكرېت ئىشلار تۆۋەندىكىچە :

    1. ئورۇننى قىسقىچە تونۇشتۇرۇش

    ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى تەنتەربىيە مەشىق 1- چوڭ ئەترىتى ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسىغا بىۋاستە قاراشلىق كەسپىي ئورۇن بولۇپ، دەرىجىسى ناھىيە( باشقارما) دەرىجىلىك بىلەن ئوخشاش، دۆلەت مالىيەسى تولۇق خىراجەتلىك كەسپىي ئورۇن. ئاپتونوم رايوننىڭ تەنتەربىيە فاڭجېنى، سىياسىتىگە ئاساسەن، بىر تۇتاش تەشكىللەپ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ يېنىك ئاتلىتكا، ۋاسكېتبول، قول توپ، قۇملۇق ساھىلى ۋالىبولى،مۇسابىقە كارتېرى، تىكتاك توپ قاتارلىق تەنتەربىيە تۈرلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنتەربىيە مۇسابىقىسىدە ئالتۇن مېدالنى قولغا كەلتۈرۈشتەك نىشان-ۋەزىپىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان. 1-چوڭ ئەترەتتە ھازىر 258 ئىشتات بار بولۇپ، ئەمەلىي ئىشتاتلىق خادىمدىن 221 ى بار ، يەنە 37 ئىشتات بوش قالغان. بۇنىڭ ئىچىدە ئىشتاتلىق خادىملاردىن باشقۇرۇش ئورنىدا 20 نەپەر، كەسپىي تېخنىكا خادىمدىن 194 نەپەر ( 158 نەپەر تەنھەرىكەتچىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ )، تازلىقچى، رېمونتچىدىن بولۇپ 9 نەپەر خادىم بار.

    خادىم قوبۇل قىلىش ئۇچۇرى ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى تورى ( http://www.xjrs.gov.cn ) ، ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى تورىدا ئېلان قىلىنىدۇ، ئېلان قىلىش ۋاقتى 2017-يىل 1-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن 11- كۈنىگىچە بولىدۇ. خادىم قوبۇل قىلىنىدىغان ئىش ئورنىغا شەرتى توشىدىغانلار تىزىملاتسا بولىدۇ.

    تىزىملىتىش شەرتلىرى: تەنھەرىكەتچىلەر 28 ياشتىن تۆۋەن يەنى 1988-يىل 1- ئاينىڭ 1-كۈنىدىن كېيىن تۇغۇلغان بولۇشى ؛ كەسپىي تېخنىكا خادىملار 40 ياشتىن تۆۋەن يەنى 1976-يىل1-ئاينىڭ1-كۈنىدىن كېيىن تۇغۇلغان بولۇشى شەرت قىلىنىدۇ.

    تىزىملىتىش ۋاقتى  2017-يىل 1-ئاينىڭ 6-كۈنىدىن 12-كۈنىگىچە بولىدۇ، نەق مەيداندا تىزىملاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

    تىزىملىتىش ئورنى : ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى تەنتەربىيە مەشىق 1-چوڭ ئەترىتى ( ئۈرۈمچى شەھىرى يېڭىشەھەر رايونى بېيجىڭ ئوتتۇرا يولى 460-نومۇر تەنتەربىيە مەركىزى ئۇنىۋېرسال مەشىق سارىيىنىڭ 2-قەۋىتى، BRT1-لىنىيەسىگە ئولتۇرۇپ ئەرگۇڭ تەنتەربىيە مەركىزى بېكىتىدە چۈشۈپ قالسا بولىدۇ.

    ئالاقىلاشقۇچى : لى جىڭ ، جاڭ نا

    تېلېفون نومۇرى: 6655470-0991

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001359610131