سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

شىنجاڭدا بۇ يىل مەمۇرلارنى ۋەزىپىگە تەكلىپ قىلىش تۈزۈمى سىناق نۇقتا خىزمىتى قانات يايدۇرۇلىدۇ

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-01-06

    دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلار، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ كادىرلار ئىشلىرى ئىسلاھاتىدىن كېيىن ئەڭ ئاخىرقى «تۆمۈر تاۋاقمۇ چېقىلدى». 5-يانۋار، ئاپتونوم رايوننىڭ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندا، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەمۇرلارنى ۋەزىپىگە تەكلىپ قىلىش تۈزۈمى سىناق نۇقتا خىزمىتىنى قانات يايدۇرىدىكەن.

    دۆلىتىمىزدە نۆۋەتتە يولغا قويۇلغان كادىرلارنى تەيىنلەش تۈزۈمى ۋە مەمۇرلارنى تەيىنلەش ئۇسۇلى سايلام ئارقىلىق تەيىنلەش تۈزۈمى، بىۋاستە تەيىنلەش تۈزۈمى ۋە تەكلىپلىك تەيىنلەش تۈزۈمىدىن ئىبارەت ئۈچ خىل بولىدۇ. ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، مەمۇرلارنى تەكلىپلىك تەيىنلەش تۈزۈمى سايلام ئارقىلىق تەيىنلەش تۈزۈمى ۋە بىۋاستە تەيىنلەش تۈزۈمىگە قارىغاندا جانلىق بولغان ۋەزىپىگە تەيىنلەش تۈزۈمى بولۇپ، ۋەزىپە ئۆتىسە مەمۇر ھېسابلىنىدۇ، ئۆتىمىسە مەمۇر ھېسابلانمايدۇ، بۇ شۇنداقلا مەمۇرلارنىڭ «تۆمۈر تاۋىقىنى چېقىش»تىكى بىر خىل تەدبىر ھېسابلىنىدۇ.

    بۇ يىلدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايون تەكلىپلىك تەيىنلەش تۈزۈمى سىناق نۇقتا خىزمەت پىلانىنى يولغا قويىدۇ.

    ئاپتونوم رايونلۇق مەمۇرلار ئىدارىسى خىزمەت باشقارمىسىدىكى خىزمەتچى خادىم مۇنداق دېدى: شىنجاڭدىكى بىر قىسىم رايونلاردا ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ تەلىپى بويىچە بىر قىسىم ئالاھىدە بۆلۈملەر شەكىللەنگەن، مەسلەن: شەھەر پىلانلاش، پۇل-مۇئامىلە ئىقتىسادى كەسپى، سوت ۋە تەپتىش مەھكىمىسى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئىختىساسلىق خادىملارنى كىرگۈزۈشنى ئارزۇ قىلىدۇ. مەمۇرلارنى ۋەزىپىگە تەكلىپ قىلىش تۈزۈمىنى قوللىنىپ، بازار ئارقىلىق ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىشنى سىناپ بېقىش كېرەك. بۇ ساھەلەر بىزنىڭ بۇ يىللىق سىناق نۇقتىلىرىمىزدىكى بىر يۆنىلىش ھېسابلىنىدۇ. مەمۇرلارنى ۋەزىپىگە تەكلىپ قىلىشتا قائىدە بويىچە ئېيتقاندا ئاشكارا قوبۇل قىلىش ۋە قوبۇل قىلىش توختامى تۈزۈش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ. تەكلىپ قىلىنىدىغان خىزمەتكە ماس كېلىدىغان ئادەم سانى ئاز، كەسىپچانلىقى كۈچلۈك بولغان ئورۇنلارغا نىسبەتەن، ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى مەمۇرلارنى باشقۇرۇش ئورۇنلىرىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، قوبۇل قىلىشقا ماس كېلىدىغانلار ئارىسىدىن بىۋاستە قوبۇل قىلىشقا بولىدۇ.

    قوبۇل قىلىنىدىغانلار گەرچە مەمۇرلۇق بىر تۇتاش ئىمتىھانىغا قاتناشمىسمۇ، بىراق كەسپىي ئىمتىھانغا قاتنىشىدىكەن. توختام مۇددىتى بىر يىلدىن بەش يىلغىچە بولۇپ، تەكلىپ قىلىنغان مەمۇرنىڭ مەمۇرلۇق سالاھىيىتى توختامنىڭ ئاخىرلىشىشى بىلەن ئەمەلدىن قالىدىكەن.

    مائاش تەمىناتى جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، تەكلىپ قىلىنغان مەمۇرنىڭ مائاش تەمىناتى دۆلەت بېكىتكەن كېلىشىم مائاش ئۆلچىمىنى ئاساس قىلىپ ھەر ئايدا تارقىتىلىدىكەن. ئالاھىدە كەسىپلەر ئەھۋالىغا قاراپ يىللىق مائاش تۈزۈمىنى يولغا قويسا بولىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا بەلگىلىمە بويىچە ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇلىدىكەن.

    تەكلىپ قىلىنغان مەمۇرلارنىڭ مەمۇرىي ئىشىتاتى بولىدىكەن، بىراق تەكلىپ قىلغۇچى ئورۇننىڭ ئىشتات سانى ۋە مائاش خىراجىتى ئومۇمىي سانىنى ئاشۇرىۋېتىشىگە بولمايدىكەن. يۇقىرى دەرىجىلىك كەسپىي خادىملارنى تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن، تەكلىپ قىلىنغان مەمۇرلارنىڭ مائاش تەمىناتى ئادەتتىكى مەمۇرلارغا قارىغاندا ئازراق يۇقىرى بولىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە مائاش ئومۇمىي سوممىسى ئىچىدە، تەكلىپ قىلىنغان مەمۇرلارنىڭ مائاشىنى ئۆستۈرۈپ بېرىشكىمۇ بولىدىكەن.(تامام)

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001359610021