سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

بىرازىلىيەنىڭ بۇلتۇر خەلقئارالىق كىرىم-چىقىمىدا پاسسىپ بالانس كۆرۈلدى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-01-06

    بۇ 2016-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان بىرازىلىيە مەركىزىي بانكىسى.  

    بىرازىلىيە مەركىزىي بانكىسى 2017-يىلى 4-يانۋار ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلاردا ئايان بولۇشىچە، سودىدا ئوڭ پەرق كۆرۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما 2016-يىلى بىرازىلىيەنىڭ خەلقئارا كىرىم-چىقىم ئەھۋالىدا تۆت مىليارد 250 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق پاسسىپ بالانس كۆرۈلگەن. بىرازىلىيە مەركىزىي بانكىسىنىڭ ئانالىز قىلىشىچە، 2016-يىللىق خەلقئارا كىرىم-چىقىم پاسسىپ بالانسىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى كاپىتال ھېساب تۈرى قىزىل رەقىمىنىڭ ئالدىنقى يىلىدىكىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىدىن ئىكەن. ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، بۇلتۇر بىرازىلىيەدە يۈز بەرگەن سىياسىي، ئىقتىسادىي قوش كىرزىس سىرتتىن كېلىدىغان مەبلەغكە زور زەربە بولغان.‏(تامام)‏

 

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001359604691