سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

دۆلىتىمىز ئالاقە تېخنىكا 2-نومۇرلۇق تەجرىبە سۈنئىي ھەمراھىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بەردى

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-01-06

 

    ئالاقە تېخنىكا 2-نومۇرلۇق تەجرىبە سۈنئىي ھەمراھىنى ئېلىپ ماڭغان ئۇزۇن سەپەر 3-نومۇرلۇق توشۇغۇچى راكېتا 5-يانۋار سائەت 23:18 دە شىچاڭ سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەركىزىدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلىپ، جۇڭگو ئاۋىياتسىيەسىنىڭ 2017-يىللىق تۇنجى قويۇپ بېرىش ۋەزىپىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى.

    ئالاقە تېخنىكا 2-نومۇرلۇق تەجرىبە سۈنئىي ھەمراھى دۆلىتىمىزنىڭ يېڭى بىر ئەۋلاد چوڭ ھەجىملىك ئالاقە رادىيو تەجرىبە سۈنئىي ھەمراھى بولۇپ، ئاساسلىقى سۈنئىي ھەمراھ ئالاقىسى، سىفىر يەتكۈزۈش قاتارلىق كەسىپلەرگە ئىشلىتىلىدۇ، ھەمدە كۆپ چاستوتا بۆلىكى ئېچىپ، كەڭ بەلباغلىق تورنىڭ تېز سۈرئەتتە سىفىر يەتكۈزۈش سىناقلىرىنى ئېلىپ بارىدۇ.

    ئالاقە تېخنىكىلىق تەجرىبە سۈنئىي ھەمراھى بىلەن ئۇزۇن سەپەر 3-نومۇرلۇق توشۇغۇچى راكېتانى جۇڭگو ئاۋىياتسىيەسى پەن-تېخنىكا گۇرۇھى شىركىتى قارمىقىدىكى شاڭخەي ئاۋىياتسىيە تېخنىكا تەتقىقات ئورنى ۋە جۇڭگو توشۇغۇچى راكېتا تېخنىكا تەتقىقات ئورنى تەتقىق قىلغان بولۇپ، بۇ قېتىم قويۇپ بېرىلگەن ئۇزۇن سەپەر تۈرىدىكى توشۇغۇچى راكېتانىڭ 245-قېتىم كۆككە قويۇپ بېرىلىشى ھېسابلىنىدىكەن.

(تامام)

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001359603371