سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

خانئايشەم ئەنۋەر پارتىيەگە كىرىش ئىلتىماسى يازدى

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-01-06

 

    كۇچا ناھىيە ئۇزۇن بازىرى ئۇچقار 2-كەنتىدىكى خانئايشەم ئەنۋەر ناھىيەلىك پارتكوم پارتىيە مەكتىپىدىن بۇ كەنتكە كەلگەن خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى كادىرلار ۋە كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ ياردىمىدە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرىش ئىلتىماسى يېزىپ، كەنت پارتىيە ياچېيكىسىغا سۇندى. پارتىيە ئەزالىرىنىڭ تۇرمۇش يىغىنىغا ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىپ پارتىيە نىزامنامىسىنى ئۆگەندى.

    خانئايشەم ئەنۋەر خۇشال ھالدا مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ھەر مىللەت قېرىنداشلار ئىناق-ئىتتىپاق ئۆتۈپ، ئۆز ئارا ياردەم بېرىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى بىرلىكتە قوغدىشى كېرەك. مەن ئاچا – سىڭىللار كەشتىچىلىك ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىكى كۆپچىلىكنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ ، ھېسسىيات ئالماشتۇرۇش، يېتىلدۈرۈش، بىرلەشتۈرۈش خىزمىتىنى بىرلىكتە ئىشلەپ، ھەر مىللەت ئامما بىللە ياشاش، بىللە ئۆگىنىش، بىللە ئىشلەش، بىللە كۆڭۈل ئېچىشتەك ئىجتىمائىي كەيپىياتنى ھازىرلاپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەن، جۇڭخۇا مىللىتى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە بولغان تونۇشىنى كۈچەيتىپ، ئۇلۇغ غايىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پارتىيە ئەزالىق بۇرچۇمنى ياخشى جارى قىلدۇرىمەن.

(تامام)

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001359602761