سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىكلەرنىڭ تەربىيەلىنىش ئۆلچىمى 760 يۈەن/ئادەم/كۈنگە ئۆستۈرۈلدى

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: خەلق تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-01-05

    مالىيە مىنىستىرلىقى قاتارلىق ئۈچ مىنىسىترلىق، كومىتېت 4-يانۋار «مەركەز ۋە دۆلەت ئورگىنىنىڭ تەربىيەلەش خىراجىتىنى باشقۇرۇش چارىسى» نى بېسىپ تارقاتتى، 2013-يىلىدىكى ئۆلچەمگە سېلىشتۇرغاندا، يېڭى چارىدىكى تەربىيەلەش ئۈچ تۈرگە ئايرىلغان، ئەڭ يۇقىرى ئۆلچەم جەمئىي 760 يۈەن بولۇپ، ئىلگىرىكىدىن 310 يۈەن ئۆستۈرۈلدى.

    يېڭى چارە 2017-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان بولۇپ، ئورۇنلارنىڭ يىللىق تەربىيەلەش پىلانىنى ھەر يىلى 3-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن بۇرۇن مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى، مالىيە مىنىستىرلىقى، دۆلەت مەمۇرلار ئىدارىسىغا بىرلا ۋاقىتتا يوللاپ ئەنگە ئالدۇرۇشى تەلەپ قىلىندى.

    مەركەز ۋە دۆلەت ئورگىنىنىڭ تەربىيەلەش خىراجىتى ئۆلچىمى ئۆستۈرۈلدى

    تەربىيەلەش خىراجىتى: ئورۇنلار ئورۇنلاشتۇرغان تەربىيەلەشتە بىۋاسىتە قىلىنغان تۈرلۈك چىقىملار بولۇپ، ئوقۇتقۇچى خىراجىتى، ياتاق خىراجىتى، تاماق خىراجىتى، تەربىيەلەش مەيدانى خىراجىتى، تەربىيەلەش ماتېرىيالى خىراجىتى، قاتناش خىراجىتى ۋە باشقا خىراجەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

    يېڭى چارىدىكى تەربىيەلەش خىراجىتىدە تۈرلەرگە ئايرىپ ئۇنىۋېرسال نورما بېكىتىش ئۆلچىمى يولغا قويۇلۇپ، تۈرلەرگە ئايرىپ بېكىتىلىپ، ئومۇمىي سومما تىزگىنلىنىپ، تۈرلۈك خىراجەتلەر ئوتتۇرىسىدا تەڭشەپ ئىشلىتىلىدۇ.

    تەربىيەلەش تۈرلىرى: ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىكلەر ۋە مۇناسىپ خادىملار، مەھكىمە، ئىدارە دەرىجىلىك، باشقارما دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن دەرىجىلىك خادىملار قاتارلىق ئۈچ تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك ۋە مۇناسىپ خادىملارنىڭ تەربىيەلىنىش خىراجىتى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 760 يۈەن/ئادەم/كۈن بولىدۇ.

    تەلەپ بويىچە، ئوقۇتقۇچى خىراجىتى ئۇنىۋېرسال نورما بېكىتىش ئۆلچىمى سىرتىدا مۇستەقىل بېكىتىلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە دەرس سۆزلەش خىراجىتى ئۆلچىمى: كاندىدات ئالىي تېخنىكا ئۇنۋانىغا ئىگە كەسپىي خادىملارنىڭ بىر سائەتلىك دەرس سۆزلەش خىراجىتى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 1000 يۈەندىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، ئاكادېمىك، مەملىكەت بويىچە داڭلىق مۇتخەسىسلەرنىڭ بىر سائەتلىك دەرس سۆزلەش خىراجىتى ئادەتتە 1500 يۈەندىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.(تامام)

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001359581091