سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئېلىمىز ئالىملىرى داۋالاش تاشلاندۇقلىرىدىكى ئاتىبىئوتىك قالدۇقىنى پارچىلاشنىڭ يېڭى ئۇسۇلىنى بايقىدى

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: خەلق تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-01-05

    مۇخبىرنىڭ جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى بىرىكمە ئوغۇت ماددىسى پەن تەتقىقات ئورنىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ پەن تەتقىقات ئورنى بىئوتېخنىكا باشقارمىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى ۋۇ جېڭيەن تېما گۇرۇپپىسى يۇقىرى ئېنېرگىيەلىك ئېلېكترون دەستىسى ئىررادىئاتسىيە تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، داۋالاش تاشلاندۇقلىرىدىكى ئاتىبىئوتىك قالدۇقىنى تېز، قولاي، تۆۋەن تەننەرخلىق پارچىلاش ئۇسۇلىنى بايقىغان، ئالاقىدار نەتىجىلەر «ئىلمىي دوكلات» (Scientifik Reports) تا ئېلان قىلىنىشقا قوبۇل قىلىندى.

    ئاتىبىئوتىك كېسەللىكلەرنى داۋالاشتىكى ئۈنۈملۈك دورا بولۇش سۈپىتى بىلەن داۋالاش ۋە دورىگەرلىك، چارۋىچىلىق ۋە سۇ مەھسۇلاتلىرى كەسپىدە كەڭ ئىشلىتىلدى، ھالبۇكى، داۋالاش تاشلاندۇقلىرىدىكى ئاتىبىئوتىك قالدۇقى ئېغىر دەرىجىدىكى مۇھىت بۇلغىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، مۇھىت ساھەسىنىڭ ھەل قىلىشىغا تېگىشلىك ھالقىلىق مەسىلىلىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندى. ھازىرقى ئانتىبىئوتىك قالدۇقىنى يوقىتىش ئۇسۇلىدا تەننەرخ يۇقىرى بولۇش، دەۋرى ئۇزۇن بولۇش، قايتا بۇلغاش قاتارلىق يېتىشسىزلىكلەر مەۋجۇت بولۇپ، ئانتىبىئوتىك بۇلغىنىشنى تۈزەشنى چەكلەيدىغان ھالقىلىق تېخنىكا بوغما ھالىتىگە ئايلىنىپ، ئانتىبىئوتىكنى پارچىلاشنىڭ بىر خىل يۇقىرى ئۈنۈملۈك، قولايلىق، يېشىل ئۇسۇلىنى تەتقىق قىلىپ تېپىش ئىنتايىن زۆرۈر.(تامام)

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001359581031