سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

تېلېگراف ئابۇنىتلىرى 1-فېۋرالدىن باشلاپ تورغا كىرىش ئۈچۈن ھەقىقىي ئىسمىنى قوللىنىشى كېرەك

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: خەلق تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-01-05

    مۇخبىرنىڭ 4-يانۋار سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىدىن ئۇقۇشىچە، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى «سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ تېلېگراف مۇلازىمىتى كېلىشىمىگە ئالاقىدار ئىشلارنى قېلىپلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى»نى تارقىتىپ، تېلېگراف كەسپى تىجارەتچىلىرىدىن ئابۇنىتلار بىلەن تورغا كىرىش كېلىشىمى ئىمزالىغاندا، ئابۇنىتلاردىن ئۈنۈملۈك كىملىكىنى كۆرسىتىش، ھەقىقىي سالاھىيەت ئۇچۇرى بىلەن تەمىنلەش ۋە تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلىپ، سالاھىيىتى ئېنىق بولمىغان ياكى سالاھىيەت تەكشۈرۈشنى رەت قىلغانلارنى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىمەسلىكنى تەلەپ قىلغان. ئۇقتۇرۇش 2017-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىكەن.

    سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: ئابۇنىتلار باشقا كىشىلەرگە تېلېگراف كەسپى رەسمىيەتلىرىنى ۋاكالىتەن بېجىرىشكە ھاۋالە قىلغان بولسا، تېلېگراف كەسپى تىجارەتچىلىرى ھاۋالە قىلىنغۇچىدىن ئابۇنىت ۋە ھاۋالە قىلىنغۇچىنىڭ ئۈنۈملۈك كىملىكى، ھەقىقىي سالاھىيەت ئۇچۇرى بىلەن تەمىنلەپ تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلىشى كېرەك.(تامام)

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001359580931