سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «دۆلەت كەسپىي كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش يىرىك پىلانى(2016-يىلدىن 2020-يىلغىچە)»نى تارقاتتى

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: خەلق تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-01-05

    گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «دۆلەت كەسپىي كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش يىرىك پىلانى(2016-يىلدىن 2020-يىلغىچە)»نى تارقىتىپ، «13-بەش يىل» مەزگىلىدە كەسپىي كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ كەسپىي ساغلاملىق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى يەنىمۇ كاپالەتلەندۈرۈپ، ساغلام جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئورۇنلاشتۇردى.

    «يىرىك پىلان»دا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: 2020-يىلىغا بارغاندا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن مەسئۇل بولىدىغان، مەمۇرىي ئورگانلار نازارەت قىلىپ باشقۇرىدىغان، ساھەلەر ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويىدىغان، ئىشچى-خىزمەتچىلەر قاتنىشىدىغان ۋە جەمئىيەت نازارەت قىلىدىغان كەسپىي كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمەت ئەندىزىسى شەكىللەندۈرۈش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

    «يىرىك پىلان»دا مۇنۇلار تەكىتلەندى: كەسپىي كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتىنىڭ ۋەزىپىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. بىرىنچى، كەسپىي كېسەلنى مەنبەدىن تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، كەسپىي خاراكتېرلىك توزان ئۆپكە كېلىشى، خىمىيەلىك زەھەرلىنىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، كان، رەڭلىك مېتال، مېتاللورگىيە، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى قاتارلىق ساھەلەردە مەخسۇس تۈزەشنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. ئىككىنچى، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ سۇبيېكتىپ مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئالدىنى ئېلىش-باشقۇرۇش مەسئۇلىيەت تۈزۈمى ئورنىتىشقا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، خەۋپنى ئالدىن باھالاش، مۇداپىئە ئەسلىھەلىرىنىڭ تىزگىنلەش ئۈنۈمىنى باھالاش ۋە پۈتكەن قۇرۇلۇشنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش قاتارلىق ھالقىلاردا باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. ئۈچىنچى، كەسپىي ساغلاملىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، قانۇن ئىجرا قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ۋە كەسپىي ساغلاملىق تېخنىكا مۇلازىمىتى ئاپپاراتىدا «قارا تىزىملىك» تۈزۈمى ئورنىتىپ، جەمئىيەتكە قەرەللىك ئاشكارىلاش كېرەك. تۆتىنچى، كەسپىي كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ توزان ئۆپكە كېسىلىنى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، كەسپىي كېسەلگە دىئاگنوز قويۇش تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا ھەققىنى ۋاقتىدا، تولۇق تاپشۇرۇشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، ئېغىر كېسەللەر سۇغۇرتىسى، داۋالىنىش ياردىمى، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق، سودا سۇغۇرتىسى قاتارلىقلار بىلەن ئۈنۈملۈك بىرلىشىشىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. ئالتىنچى، كەسپىي كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نۇقتىلىق كەسپىي كېسەلنىڭ كەسپىي كېسەل خەۋپى ئامىلىنى كۆزىتىش، مەلۇم قىلىش ۋە باشقۇرۇش تورىنى قۇرۇش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. يەتتىنچى، كەسپىي كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش تەشۋىق-تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ ساغلاملىققا تۈرتكە بولۇپ، كەسپىي كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش قانۇن-نىزامى ۋە ئالاقىدار ئۆلچەملەرنى كەڭ تەشۋىق قىلىپ، «ساغلام كارخانا» قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. سەككىزىنچى، كەسپىي كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش ئىلمىي تەتقىقاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كەسپىي كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش ئاساسىي پەن تەتقىقات خىزمىتى ۋە ئالدىن كۆرەرلىك تەتقىقاتىنى رىغبەتلەندۈرۈپ ۋە قوللاپ، پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئۆزگەرتىش ۋە قوللىنىشنى كېڭەيتىشنى تىزلىتىش كېرەك.(تامام)

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001359580801