سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ پەنجىخۇا شەھىرىدە بىر قېتىملىق قوراللىق ھۇجۇم قىلىش دېلوسى يۈز بەردى

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: خەلق تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-01-05

    پەنجىخۇا شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، 4- يانۋار سائەت 10دىن 50 مىنۇتلار ئۆتكەندە، پەنجىخۇا شەھەرلىك كۆرگەزمە مەركىزىدە ئوققا تۇتۇش دېلوسى يۈز بەرگەن. ئەينى ۋاقىتتا، قوراللىق كىشى يىغىن مەيدانىغا بۆسۈپ كىرىپ، يىغىن ئېچىۋاتقان شەھەرلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلارغا ئۇدا ئوق چىقارغاندىن كېيىن قېچىپ كەتكەن. شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ يەن، شەھەر باشلىقى لى جيەنچىن يارىلانغان، دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلىپ قۇتقۇزۇلغاندىن كېيىن، ھاياتىغا خەۋپ يەتمىگەن.

    تەكشۈرۈش ئارقىلىق، جىنايەت گۇماندارىنىڭ شەھەرلىك دۆلەت زېمىن بايلىقى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى چېن جوڭشۇ ئىكەنلىكى، كۆرگەزمە مەركىزىنىڭ 2- قەۋىتىدە ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغانلىقى بايقالغان.(تامام)

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001359580691