سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

يېزا كوللېكتىپ مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتى يېزا تەرەققىياتى ۋە دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: خەلق تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-01-05

    گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 3-يانۋار ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا يېزا ئىگىلىك مىنىستىرى خەن چاڭفۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى:يېزا كوللېكتىپ مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتى يېزا يەرلىرىگە بولغان «ئۈچ ھوقۇقنى تەقسىملەش» زور تۈزۈمىدە يېڭىلىق يارىتىشتىن كېيىنكى مەركەز ئورۇنلاشتۇرغان يەنە بىر ئۇزاق مۇددەتلىك، ئومۇمىيلىققا ئىگە زور ئىسلاھات بولۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرىدۇ ۋە يېزىلارنىڭ مۇقىملىقىغا تۈرتكە بولىدۇ.

    خەنچاڭفۇنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، نۆۋەتتە ئېلىمىزنىڭ يېزا كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتىدا نۇرغۇن مۈلۈك توپلىنىپ، يەر قاتارلىق بايلىق تىپىدىكى مۈلۈك 6 مىليارد 690 مىليون موغا ، تۈرلۈك ھېساباتتىكى مەبلەغ 2 تىرىليون 860 مىليارد يۈەنگە يەتكەن. ئەمما كوللېكتىپ مۈلۈك «ئىككى ماسلىشىش» مەسىلىسىگە دۇچ كەلمەكتە؛ بىرىنچى، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىك تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش يېڭى تەلىپىگە ماسلىشىپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق كوللېكتىپ مۈلۈكنى تىرىلدۈرۈپ، تەرەققىياتقا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشۇش؛ ئىككىنچى، شەھەر يېزىلارنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش تەرەققىياتىنىڭ يېڭى يۈزلىنىشىگە ماسلىشىپ، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا كوللېكتىپ مۈلۈكىنىڭ ئېقىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، دېھقانلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق مەنپەئەتىنى ھەقىقىي قوغداپ، دېھقانلارنى ئىسلاھات تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىدىن ھەقىقىي بەھرىمەن قىلىش.

    ئۇ مۇنداق دېدى: ئىسلاھات ئۈچ جەھەتتىن پايدىلىق، يېزا كوللېكتىپ ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىيات ھاياتى كۈچىنى زورايتىشقا پايدىلىق؛ دېھقانلارنىڭ مال مۈلۈك تىپىدىكى كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق؛ يېزا ئىگىلىك يېزا تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ ئىقتىدار قوشۇشقا پايدىلىق.(تامام)

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001359580661