سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

گوۋۇيۈەن ئىشخانىسى گوۋيۇەننىڭ 3-قېتىملىق چوڭ تەكشۈرۈشىدە بايقالغان تىپىك تەجرىبە ۋە ئۇسۇللارنى ئېلان قىلىپ ماختىدى

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: خەلق تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-01-05

    گوۋۇيۈەن ئىشخانىسى ھەر قايسى تەرەپنىڭ تەشەببۇسكارلىقى، ئاكتىپچانلىقى ۋە ئىجادچانلىقىنى يەنىمۇ ھەرىكەتكە كەلتۈرۈش ۋە قوزغىتىش، ئىگىلىك تىكلەش، رىقابەتلىشىپ تەرەققىي قىلىشتەك ياخشى ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، گوۋيۇەننىڭ 3-قېتىملىق چوڭ تەكشۈرۈش ئەھۋالىغا ئاساسەن، يەرلىكنىڭ 32 تۈرلۈك تىپىك تەجرىبە ئۇسۇلى ۋە گوۋۇيۈەن تارماقلىرىنىڭ17 تۈرلۈك تىپىك تەجرىبە ئۇسۇلىنى ئېلان قىلىپ ماختىدى.

    تەكشۈرۈش- ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئۆتكۈر قورال. گوۋۇيۈەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ زور ھەل قىلغۇچ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن 2016-يىلى ئاۋغۇستنىڭ ئاخىرىدىن سېنتەبىرنىڭ ئاخىرىغىچە زور سىياسەت تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى 3-قېتىم چوڭ تەكشۈردى. تەكشۈرۈش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، رايونلار، ھەر قايسى تارماقلار مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ۋەزىپە تەلىپىنى ئەستايىدىل ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ن يېڭىلىق يارىتىشقا جۈرئەت قىلىپ، ھەقىقىي چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، باتۇرلۇق بىلەن زىممىسىگە ئېلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ئېشىشى، تەمىنلەش جەھەتتىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «ئۈچنى تۈگىتىش بىرنى تۆۋەنلىتىش بىرنى تولۇقلاش» نۇقتىلىق ۋەزىپىسىنى چىڭ تۇتۇپ، ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش تەرەققىي قىلدۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىدىكى قېيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ خىزمەتلەرنى ئىجادىي قانات يايدۇرۇپ، ئىجابىي ئۈنۈملەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، بىر تۈركۈم ياخشى تەجرىبە ۋە ئۇسۇللارنى شەكىللەندۈردى.

    ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ماختاشقا ئېرىشكەن رايونلار، تارماقلارنىڭ شان شەرىپىنى قەدىرلەپ، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، يېڭى، تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز.(تامام)

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001359580481