سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

2017–يىلى ئامېرىكا، جۇڭگو، رۇسىيە، ياۋروپانىڭ تۆت بۇرجەك مۇناسىۋىتى قانداق ئۆزگىرىدۇ؟

مۇھەررىر: ۋۇ ۋېنشيا
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-01-05

    2016 – يىلىغا نەزەر سالساق، ترامپنىڭ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بولۇپ سايلىنىشى، ‹‹ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىپ چىقىشى›› قاتارلىق ‹‹قارا ئاق قۇ››ۋەقەسى غەربنى قاپلىدى، چوڭ دۆلەتلەرنىڭ مۇناسىۋىتىدە ئېنىقسىزلىق كۆپەيدى. 2017 – يىلىغا نەزەر سالساق، ئامېرىكا، جۇڭگو، رۇسىيە، ياۋروپادىن ئىبارەت تۆت بۇرجەك مۇناسىۋەت قانداق ئۆزگىرىدۇ؟

    ئامېرىكا – جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىملىقى باشقا ھەرقانداق ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىدىن ئېشىپ چۈشىدۇ، ‹‹بىر جۇڭگو›› پىرىنسىپىدا ئىغۋاگەرچىلىك قىلىشقا ئۇرۇنماسلىق ئاقسارايدىن ئايرىلىش ئالدىدا تۇرغان ئوبامانىڭ يىل ئاخىرىدىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدىكى ‹‹ئايرىلىش ئالدىدىكى پەند – نەسىھەتى›› بولۇپ قالدى.

    مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، ترامپنىڭ جۇڭگوغا قاراتقان سىياسىتىدە ئېنىقسىزلىق مەۋجۇت بولسىمۇ، ئىككى دۆلەت نۇرغۇن ئورتاق مەنپەئەتكە ئىگە بولۇپ، ئامېرىكا بىلەن جۇڭگونىڭ ھەمكارلىق ئاساسىدا چوڭ ئۆزگىرىش بولمايدىكەن، ھەمكارلىق يەنىلا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى بولىدىكەن.

    ئامېرىكىنىڭ ئەمەلىي كۈچىنىڭ ئاجىزلىشى ۋە جۇڭگو قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئەمەلىي كۈچىنىڭ ئېشىشىدەك رېئاللىق ئالدىدا، ترامپ ۋە ئۇنىڭ كوللېكتىپى دۆلەت ئىچىگە ئەھمىيەت بېرىش خاھىشىنى ئىپادىلەپ، ‹‹ئامېرىكا 1 – ئورۇندا تۇرىدۇ›› بايرىقىنى كۆتۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغداشقا تەييارلاندى. بۇنىڭدىن سىرت، ‹‹ترامپ ھۆكۈمىتى سىرتقا قارىتا ئىستراتېگىيە جەھەتتە ھەربىي كۈچىنى قىسقارتتى، لېكىن تاكتىكا جەھەتتە تېخىمۇ قاتتىق بولدى›› دەپ قارالماقتا، جۇڭگونىڭ دىپلوماتىيە ئىستراتېگىيەسىنىڭ مۇقىملاش كۈچى سىناققا دۇچ كەلمەكتە.

    ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ۋە پارلامېنت تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى دەن ماخاففېينىڭ قارىشىچە، ئامېرىكىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھۆكۈمىتى جۇڭگو بىلەن ئالاقە قىلغاندا ‹‹سودا خاراكتېرى››نى تېخىمۇ قوغلىشىشى مۇمكىن ئىكەن، ئامېرىكا – جۇڭگو ھەمكارلىقى ۋە ئىختىلاپنى كونترول قىلىش قىسقا مەزگىللىك بېسىمغا دۇچ كېلىشى مۇمكىن ئىكەن.

    سايلام جەريانىدا ترامپ ‹‹جۇڭگونىڭ تاۋارلىرىدىن يۇقىرى سوممىلىق تاموژنا بېجى ئالىمىز›› دەپ تەھدىت سالغان. بۇنىڭغا ئاساسەن، ئامېرىكا ئاقىللار ئامبىرى برۇكىڭس ئىلمىي جەمئىيىتى جون سورنتون جۇڭگو مەركىزىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى دۇ داۋىدنىڭ قارىشىچە، ترامپ تەختتە ئولتۇرغاندىن كېيىن ‹‹بۇ ئىشلارنى ھەقىقىي قىلمايدىكەن››. ئامېرىكا بىلەن جۇڭگونىڭ سودا ساھەسىدىكى سۈركىلىشى پات – پات كۆرۈلسىمۇ، چوڭ كۆلەملىك سودا ئۇرۇشىنىڭ كۆرۈلۈشى ئانچە مۇمكىن ئەمەس ئىكەن. ئامېرىكا – جۇڭگونىڭ مەنپەئەت سودا ئالاقىسى ۋە بىر – بىرىگە تايىنىپ ياشىشى چوڭقۇر ھەم كەڭ بولۇپ، ئىككى تەرەپ ئورتاق پايدىغا ئېرىشەلمىسە، ئىككىلا تەرەپ زىيان تارتىدىكەن.

    ئىككى يىل ئىلگىرى رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن ئامېرىكا – رۇسىيە مۇناسىۋىتىنى مۇنداق بايان قىلغان: بۇ ئېيىق جىمجىت ئولتۇرسا، يىڭنە يوپۇرماق ئورمىنىدا تورايلارنى قوغلاپ يۈرمەيدۇ، ئۇلار ئۇنىڭدىن ۋاز كېچەمدۇ؟ ئۇنداق بولمايدۇ، ئۇلار يەنىلا ئۇنى كىشەنلەپ باغلىۋېلىشقا ئۇرۇنىدۇ.

    2014 – يىلىدىن ئېتىبارەن ئامېرىكا بىلەن رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا مەسىلىسى، سۇرىيە ئىچكى ئۇرۇشى، ش ئا ئە ت نىڭ شەرققە كېڭىيىشى، باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسى ئورنىتىش قاتارلىق مەسىلىلەردىكى زىددىيىتى ئۈزلۈكسىز كۈچىيىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تەدرىجىي ‹‹يېڭى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى›› ھالىتىگە قەدەم قويدى. 2016 – يىلى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى يەنىلا كەسكىن بولۇۋاتىدۇ، ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە ھەربىي ئايروپىلانلىرىنىڭ بالتىق دېڭىزى ھاۋا بوشلۇقىدا كۆپ قېتىم ‹‹ئېلىشىشى›› دەل بۇنىڭ ئەمەلىي مىسالى.

    مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا – رۇسىيە مۇناسىۋىتى كەلگۈسىدە ياخشىلىنىشى مۇمكىن بولسىمۇ، ئامېرىكا سىياسىي سەرخىللىرىنىڭ رۇسىيەگە ئىشەنمەسلىك ئاساسى چوڭقۇر، ئىككى تەرەپنىڭ بىر قاتار ئىستراتېگىيەلىك مەسىلىلەردە قۇرۇلما خاراكتېرلىك توقۇنۇشى مەۋجۇت، چېكىگە يەتكەن ئامېرىكا – رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ئاسان ئەمەس، بوشلۇق چەكلىك.

    ئامېرىكا ‹‹داۋىس›› رۇسىيە ۋە ياۋروپا – ئاسىيا مەسىلىلىرى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇتەخەسسىسى گېرىنباۋنىڭ قارىشىچە، ترامپنىڭ يېنىدىكى بىر قىسىم ياردەمچى ئەمەلدارلار ئۇنىڭغا ئوخشاش ئامېرىكا – رۇسىيە مۇناسىۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى خالىسىمۇ، ئامېرىكىدىكى كۆپ قىسىم سىياسىي سەرخىللار رۇسىيە ھۆكۈمىتىگە دۈشمەنلىك نەزەرىدە قارايدىكەن. شۇڭا، ترامپ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن ئامېرىكا – رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تېز ياخشىلىنىش ئېھتىماللىقى ئانچە چوڭ ئەمەس.

    2015 – يىلى غەربىي ياۋروپا دۆلەتلىرى بىلەن جۇڭگونىڭ سودا ۋە مەبلەغ سېلىش ساھەسىدىكى سۈركىلىشى كۆپەيدى، ھالبۇكى، ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى بىلەن جۇڭگونىڭ ‹‹16+1 ھەمكارلىقى›› قالتىس جانلاندى. جۇڭگودىكى 25 شەھەر جۇڭگو – ياۋروپا تۆمۈريولىنى ئاچتى، قۇرۇقلۇق مال تىرانسپورت كۈچى زور دەرىجىدە ئېشىپ، جۇڭگو – ياۋروپا دېڭىز سودىسىنىڭ ناچار ۋەزىيىتى ئوڭشالدى. ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپادىكى نۇرغۇن دۆلەتنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە كەسىپلەر تەرەققىياتىدا ‹‹جۇڭگو تامغىسى››بېسىلىپ، ھالسىزلانغان ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىقتىسادىغا كۈچ قوشۇلدى.

    مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق كۆرسەتتى: يېڭى بىر يىلدا، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى بەزى دۆلەتلەردە سودا قورۇقچىلىقى، نارودنىكلىقنىڭ باش كۆتۈرۈشى ياۋروپا – جۇڭگونىڭ ئىقتىساد – سودا مۇناسىۋىتىگە تەسىر يەتكۈزۈشى مۇمكىن؛ ئوڭ قانات كۈچلەر كۈندىن – كۈنگە جانلىنىۋاتقان بەزى غەربىي ياۋروپا دۆلەتلىرى جۇڭگو بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ھەمكارلىققا تېخىمۇ سىياسىيلاشقان، تېخىمۇ مۇتەئەسسىپ پوزىتسىيەدە مۇئامىلە قىلىشى مۇمكىن. لېكىن ‹‹ئاتلانتىك ئوكيان ھالقىغان سودا ۋە مەبلەغ سېلىش ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى›› (TTIP) ئەمەلگە ئاشمىغان ئەھۋالدا، ياۋروپا ئىتتىپاقى جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرگەندىلا، ئەسلىگە كېلىشى ئاستا بولغان ئىقتىسادقا سىجىل ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشالايدۇ.

    ترامپ تەختكە چىققاندىن كېيىن، ياۋروپا – ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدىكى ئېنىقسىزلىق زور دەرىجىدە ئاشتى. ئوباما ‹‹ئامېرىكىنىڭ سىياسىي تۈزۈمى ھەرقانداق شەخسكە قارىغاندا كۈچلۈك بولۇشى كېرەك›› دېگەن بولسىمۇ، كىشىلەر ئومۇميۈزلۈك ھالدا ‹‹ياۋروپا – ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدە يىرىكلىشىش كۆرۈلىدۇ›› دەپ قىياس قىلماقتا.

    تەھلىلچى ئەربابنىڭ قارىشىچە، ترامپنىڭ قىممەت قارىشى بىلەن غەربىي ياۋروپا دۆلەتلىرىدىكى كۆپ ساندىكى رەھبەرلەر ئارىسىدا روشەن ئىختىلاپ مەۋجۇت بولۇپ، ئۇ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن، ياۋروپا ۋە ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتى، بولۇپمۇ ئىقتىساد – سودا مۇناسىۋىتى ۋە مۇداپىئە ھەمكارلىقى سىناققا دۇچ كېلىدىكەن.

    ترامپ سايلام مەزگىلىدە ئېنىق قىلىپ ياۋروپادىكى ھەربىي كۈچىنى قىسقارتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك مۆلچەرىچە، ترامپ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن، ش ئا ئە ت يادرولۇقىدىكى ئامېرىكا – ياۋروپا مۇداپىئە ھەمكارلىقى بۇزۇلمايدىكەن، لېكىن ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىنى ش ئا ئە ت سىستېمىسىدا تېخىمۇ كۆپ ھەربىي كۈچ ۋە مەبلەغ سېلىنمىسىنى ئۈستىگە ئېلىشقا مەجبۇر قىلىشى مۇمكىن ئىكەن. شۇڭا، ئۇزاق مەزگىل ئامېرىكىنىڭ مۇداپىئەسىدە تۇرغان ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇداپىئەنى ئۆز ئالدىغا قىلىشى، مۇداپىئە ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى ئۆز ئالدىغا كۈچەيتىشى مۇمكىن.

    ئىقتىساد – سودا مۇناسىۋىتى جەھەتتە، ياۋروپا ئاقىللار ئامبىرى مۇنداق دېدى: ئەركىن سودىغا قارشى تۇرۇش ترامپنىڭ سىياسىي ماركىسى، بۇ، ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭTTIP سۆھبىتىنىڭ مەغلۇپ بولۇشىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ياۋروپانىڭ ئىلگىرىكىگە ئوخشاش ئامېرىكا بىلەن ئەركىن سودا قىلىش – قىلماسلىقى ئېنىقسىزلىققا دۇچ كېلىشى مۇمكىن.

    رۇسىيە خەلقئارا ئىشلار كېڭىشىنىڭ مۇدىرى كورتۇنوۋ: رۇسىيەنىڭ ئۈچ ئاساسلىق خەلقئارالىق ھەمراھى بولغان جۇڭگو، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىچىدە، ھازىر ئىشىنىشكە بولىدىغىنى جۇڭگو، دېدى.

    رۇسىيە ۋە جۇڭگو رەھبەرلىرى ئوخشاش بولمىغان سورۇندا كۆپ قېتىم: رۇسىيە – جۇڭگو مۇناسىۋىتى خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى، 3 – تەرەپ بېسىمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ، دەپ تەكىتلىدى.

    ھالبۇكى، رۇسىيە – ياۋروپا مۇناسىۋىتىدە، تەھلىلچى ئەربابنىڭ قارىشىچە، ترامپنىڭ تەختكە چىقىشى ياۋروپا – رۇسىيە مۇناسىۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن پۇرسەت يارىتىپ بېرىدىكەن، ياۋروپا بىلەن رۇسىيەنىڭ ش ئا ئە ت نىڭ شەرققە كېڭىيىش ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسى ئورنىتىش مەسىلىسىدىكى زىددىيىتى پەسىيىشى مۇمكىن ئىكەن.

    فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتى ياۋروپا مەسىلىسى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى دىڭ چۈن مۇنداق دېدى: ئامېرىكا يېڭى ھۆكۈمىتى ياۋروپادىكى ھەربىي كۈچىنى قىسقارتىشى مۇمكىن، ئامېرىكىنىڭ ھەربىي ياردىمى يېتەرسىز ئەھۋالدا، فىرانسىيە، گېرمانىيە قاتارلىق ياۋروپا دۆلەتلىرى ئىستراتېگىيە جەھەتتە يەنىلا رۇسىيەنى چەكلەپ تۇرسىمۇ، كونكرېت مەيدانى جەھەتتە تەۋرىنىپ قالىدۇ، ھەتتا ‹‹يېڭى ياۋروپا›› دۆلەتلىرى (بالتىق دېڭىزىدىكى ئۈچ دۆلەت)نى مۇداپىئە جەھەتتىن قوللاشتىن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ۋاز كېچىپ، رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى پەسەيتىشى مۇمكىن.

    رۇسىيە ‹‹دۆلەت ئىستراتېگىيەسى مەسىلىسى›› ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى كۇرتوۋنىڭ قارىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىنىڭ سىياسىي مۇنبىرىدە يۈز بەرگەن ئۆزگىرىش رۇسىيە – ياۋروپا مۇناسىۋىتىگە ئۈمىد بېغىشلىغان، رۇسىيە بىلەن بولغان كەسكىن قارشىلىشىشنى داۋاملاشتۇرۇشنى تەشەببۇس قىلمايدىغان پارتىيەنىڭ سايلىغۇچىلار ئارىسىدا ئالقىشلىنىش دەرىجىسى ئاشقان، بەزى دۆلەتلەردە ئۇنداق پارتىيەلەرنىڭ تەختكە چىقىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشى مۇمكىن ئىكەن؛ ئۇلار رۇسىيەگە قارىتىلغان جازانى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، رۇسىيە بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلىشى مۇمكىن ئىكەن، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى بۇ ۋەزىيەت كۈچىيىدىكەن.

    رۇسىيە – ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشىلىنىش پۇرسىتى بولسىمۇ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رۇسىيەگە بولغان ئومۇمىي سىياسەت يۈزلىنىشىدە يەنىلا تەشۋىش مەۋجۇت. ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ياۋروپاغا چېتىلىدىغان مەسىلىلەردىكى مەيدان ئىختىلاپى كەسكىن.(تامام)

[ۋۇ ۋېنشيا]
010020070830000000000000011100001359579901