سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

‹‹قىزىل›› بىلەن ‹‹قارا›› 2016 –يىلى ياۋروپادىكى ‹‹ئاساسىي رەڭ›› بولۇپ قالدى

مۇھەررىر: ۋۇ ۋېنشيا
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-01-05

    2016 – يىلى 3 – ئايدا بېلگىيەنىڭ بىريۇسسېل شەھىرىدە، 7 – ئايدا فرانسىيەنىڭ نېستا، 12 – ئايدا گېرمانىيەنىڭ بېرلىندا يۈزبەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمى ۋەقەسى ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى بۇ يادرولۇق ئۈچ ئەزا دۆلەتكە ئېغىر زەربە بولدى. مىلاد بايرىمى ھارپىسىدا شىۋېيتسارىيەنىڭ زۇرىختىكى ئوق ئاۋازى ياۋروپادىكى ‹‹غايىۋى جەننەت››نىڭ ئوبرازىنى خۈنۈكلەشتۈرۈۋەتتى. 2016 – يىلى ياۋروپادا تېررورلۇق ھۇجۇمى تارىختا ئەڭ كۆپ يۈزبەرگەن يىل بولدى دېيىشكە بولىدۇ، قىپقىزىل قان پۈتكۈل ياۋروپانى ۋەھىمىگە سېلىپ، ھەممە كىشىنى چۆچۈتۈۋەتتى.

    شۇنىڭ بىلەن بىللە، بۇلتۇرنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئەنگلىيەنىڭ ‹‹ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىش››نى ئومۇم خەلقنىڭ ئاۋازىغا قويۇشنىڭ نەتىجىسى دۇنيانى چۆچۈتۈپ، دۇنيا ۋەزىيىتىدە قاتتىق داۋالغۇش پەيدا قىلدى، ھەتتا ئۇنى مۆلچەرلەش قىيىن بولۇۋاتىدۇ؛ يىل ئاخىرىدىكى ئىتالىيەنىڭ ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىنى ئومۇم خەلقنىڭ ئاۋازىغا قويۇشىنىڭ نەتىجىسى تېخىمۇ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلىشى مۇمكىن. ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدە بولغان ئىتالىيە كەلگۈسىدە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىپ چىقسا، ياۋرو رايونى ۋەيران بولۇشى ياكى ئېغىر ئىقتىسادىي چېكىنىش كۆرۈلۈشى مۇمكىن، بۇ، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا تېخىمۇ ئەجەللىك زەربە بولىدۇ.

    ياۋروپا ۋە ئامېرىكىدىكى ئاساسىي ئېقىمدىكى تاراتقۇلار ھە دەپ ‹‹شىددەت بىلەن كۈچىيىۋاتقان مۇساپىرلار دولقۇنى ياۋروپاغا تۈرلۈك ئىجتىمائىي مەسىلە ۋە خەۋپسىزلىك تەھدىتى كەلتۈردى›› دەپ مۇبالىغىلەشتۈرۈۋاتقان بولسىمۇ، بۇ مەسىلىدە غەرب ئەللىرى ئۆز پۇتىغا ئۆزىنىڭ پالتا چاپقانلىقى، يەنى ئۆزلىرىنىڭ غەربىي ئاسىيا، شىمالىي ئافرىقىدىكى داۋالغۇشنىڭ ئۇلغىيىشىغا ئوت يېقىش بىلەن بىللە، ئوتتۇرا شەرق، شىمالىي ئافرىقىدىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ تېررورىزم مەنبەسى بولۇپ قېلىشىغا سەۋەبچى بولغانلىقى، ‹‹شام ئىسلام دۆلىتى›› رادىكال تەشكىلاتى قاتارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلارنىڭ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ زورايغانلىقى ئۈستىدە ئويلىنىپ باقمىدى. ش ئا ئە ت نىڭ قالايمىقان بومباردىمان قىلىشى سەۋەبىدىن نەچچە ئون مىليون پۇقرا يۇرت – ماكانىدىن ئايرىلىپ، سەرسان – سەرگەردان بولۇپ، يۇرتىدىن قېچىپ چىققان، يەنە كېلىپ، ياۋروپادىكى پۇقرالارمۇ ئوخشاشلا غەربنىڭ زوراۋانلىق قىلمىشىنىڭ قۇربانىغا ئايلانغان.

    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ياۋروپادىكى بىر قىسىم دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى دۆلەتنى ئىدارە قىلالماي، سىياسىيونلار ئالاقزادە بولۇشۇپ، نېمە قىلارىنى بىلەلمەي، دۆلەتنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان مۇھىم قارارلارنى ئومۇم خەلقنىڭ ئاۋازىغا قويدى، بۇنداق ئاتالمىش ‹‹دېموكراتىك ئاۋاز بېرىش›› ئۇلارنىڭ مەسئۇلىيەتتىن ئۆزىنى قاچۇرۇشتىكى ئۇسۇلى بولۇپ قالدى. 2016 – يىلى كەينى – كەينىدىن يۈزبەرگەن ئومۇم خەلقنىڭ ئاۋازىغا قويۇش نەتىجىسىنىڭ تېگىگە يەتكىلى بولمايدۇ. ئۇچۇر سىممېتىرىكسىز بولغان، مەسئۇلىيەت، ھوقۇق، مەنپەئەت ماس كەلمىگەن ئەھۋالدا، پۇقرالار قانداقمۇ دۆلەت مەنپەئىتى ئۈچۈن يىراقنى كۆزلىيەلىسۇن؟ چوڭقۇر ئويلىنىپ ئەڭ ياخشى قارارنى چىقىرالىسۇن؟ كىشىنى ئەڭ ئەندىشىگە سالىدىغىنى شۇكى، ھازىر ياۋروپادىكى نۇرغۇن دۆلەتتە باش كۆتۈرۈۋاتقان ئىنتايىن ئوڭ قانات سىياسىي پارتىيەلەر ‹‹ئومۇم خەلقنىڭ ئاۋازىغا قويۇش››تىن پايدىلىنىپ قۇتراتقۇلۇق قىلىپ ۋە ئاممىنىڭ ھازىرقى ھالەتتىن رازى بولماسلىق، غەزەپلىنىش، تەشۋىشلىنىش قاتارلىق پاسسىپ كەيپىياتىنى مۇبالىغىلەشتۈرۈپ، ئۆزلىرىنىڭ مۇساپىرلارغا، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا، دۇنياۋىلىشىشقا قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت سىياسىي تەلەپلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. پاكىت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، دېموكراتىيەنى قالايمىقان ئىشلەتكەندە، زىددىيەتنى كەسكىنلەشتۈرۈپ، قارشىلىشىشنى كۈچەيتىپ، جەمئىيەتنى پارچىلاپ، ياۋروپانىڭ بىر گەۋدىلىشىش مۇساپىسىگە ئېغىر زەربە كەلتۈرىدۇ.

    ئۇنىڭدىن سىرت، ئىقتىساد قاتلىمىدا، ياۋروپادىكى بىر قىسىم سىياسىيونلار ئىقتىسادنىڭ چېكىنىشى، ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ يۇقىرىلاپ كېتىشى، رايون تەرەققىياتىدىكى تەكشىسىزلىك مەسىلىلىرىنى ئاددىي، قوپال ھالدا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ‹‹ئادىل بولمىغان›› رىقابىتىگە دۆڭگەپ، ئۆزىنىڭ تۈزۈمىدىكى كەمتۈكلۈككە، يەنى ‹‹مەرد››لەرچە يۇقىرى پاراۋانلىق تۈزۈلمىسىنىڭ خىزمەت ئۈنۈمى ۋە ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا پۇتلىكاشاڭ بولۇۋاتقانلىقىغا، قاتتىق ئەمگەك تۈزۈمىنىڭ كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات ئاكتىپلىقىغا تەسىر يەتكۈزۈۋاتقانلىقىغا سەل قاراۋاتىدۇ. كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى بۇراش، زىددىيەتنى باشقىلارغا ئىتتىرىپ قويۇش ئۈچۈن ياۋروپا سودا قورۇقچىلىقى كالتىكىنى قايتا – قايتا ئىشقا سېلىپ، جۇڭگونى ئۆز ئىچىگە ئالغان بازىرى يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان دۆلەتلەرنى جازالىماقچى بولغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ پايدىسىدىن زىيىنى كۆپ، باشقىلارغىمۇ، ئۆزىگىمۇ پايدىسىز.

    شۇنى ئېيتىش كېرەككى، ياۋروپا ھازىر ئۇچراۋاتقان قاتمۇ قات ئېغىر ئاپەتلەردە ئەلۋەتتە تاشقى ئامىللارنىڭ تەسىرى بولسىمۇ، كۆپ جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئۆز خاتالىقى ئۆستىدە ئويلىنىش ۋە قەتئىي ئىرادە بىلەن ئىسلاھات قىلىش غەيرىتى ۋە شىجائىتىنىڭ كەملىكىدىندۇر.

    ياۋروپا ئىتتىپاقى 2017 – يىلى 3 – ئايدا ‹‹رىم شەرتنامىسى›› ئىمزالانغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى كۈتۈۋالىدۇ. بۇ ئابىدە خاراكتېرلىك شەرتنامە ‹‹ئىنسانىيەت مەدەنىيلىك تارىخىدىكى بىر قېتىملىق ئۇلۇغ ئىجادىيەت ۋە تەجرىبە›› دەپ تەرىپلەنگەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بارلىققا كېلىشىگە تۈرتكە بولغان. ھازىر، ياۋروپا ئۈچۈن ئېيتقاندا، بىر مەيدان داغدۇغىلىق تەبرىكلەش مۇراسىمىنى پىلانلاپ، ‹‹روھىي دۇنياسىغا تاقاپ›› ئۆز – ئۆزىنى ئوپېراتسىيە قىلىشى ۋە چوڭقۇر ئۆزگىرىش قىلىشى جىددىي ۋە زۆرۈردەك قىلىدۇ.(تامام)

[ۋۇ ۋېنشيا]
010020070830000000000000011100001359579891