سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

سۇرىيە ھۆكۈمىتى ئۆكتىچىلەر بىلەن ‹‹ئاستانە سۆھبىتى›› ئۆتكۈزۈشى مۇمكىن

مۇھەررىر: ۋۇ ۋېنشيا
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-01-05

    رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى سىرگىي راۋلوۋنىڭ 2016 – يىل 12 – ئاينىڭ 27 – كۈنى دەلىللىشىچە، سۇرىيە دائىرىلىرى بىلەن ئۆكتىچىلەر ۋەكىللىرى تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈش ئۈستىدە مەسلىھەتلىشىۋېتىپتۇ.

    شۇ كۈنى تۈركىيە زۇڭتۇڭى رەجەپ تائىپ ئەردوغان مۇنداق دېدى: مۇناسىۋەتلىك سۆھبەتنىڭ قازاقىستان پايتەختى ئاستانىدە ئۆتكۈزۈلۈشىدىن ئۈمىد بار.

    سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى 2016 – يىلى 12 – ئاينىڭ ئوتتۇرىسىدا ھەلەبنى ‹‹تولۇق كونترول قىلغان›› بولۇپ، بۇ، ئۇلارنىڭ تۆت يىل مابەينىدىكى ئەڭ چوڭ غەلىبىسى ھېسابلىنىدۇ. لېكىن سۇرىيەنىڭ تىنچلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا ناھايىتى ئۇزاق جەريان كېتىدۇ.

    رۇسىيە ‹‹سۈنئىي ھەمراھ›› ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە: ئەردوغان 2016 – يىل 12 – ئاينىڭ 27 – كۈنى ‹‹رۇسىيە، تۈركىيە، ئىران، سەئۇدى ئەرەبىستان، قاتار قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى ھەم سۇرىيەدىكى مۆتىدىللەر، ئۆكتىچىلەر ئاستانە سۆھبىتىگە تەكلىپ بىلەن قاتنىشىدۇ›› دېدى، دېيىلدى.

    باش ئىشتابى سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى سۇرىيەدىكى ئاساسلىق ئۆكتىچى تەشكىلات ‹‹ئالىي دەرىجىلىك سۆھبەت كومىتېتى››نىڭ باش ماسلاشتۇرغۇچىسى رىياد ھىجاب 2016 – يىل 12 – ئاينىڭ 27 – كۈنى مۇنداق دېدى: بىز سۆھبەتكە قاتنىشىش توغرىلىق ھېچقانداق تەكلىپ تاپشۇرۇۋالمىدۇق، مۇناسىۋەتلىك سۆھبەت شىۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلۈشى، شۇنداقلا ب د ت نىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن بولۇشى كېرەك.

    لېكىن، رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئەمەلدارى مۇنداق دېدى: ئاستانە سۆھبىتى يەنىلا تەييارلىق باسقۇچىدا بولۇپ، كونكرېت ۋاقتى تېخى بېكىتىلمىدى، ھېچكىمگە تەكلىپمۇ ئەۋەتىلمىدى. تىنچلىق سۆھبىتى 2017 – يىلى 1 – ئاينىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلۈشى مۇمكىن.

    سۇرىيە توقۇنۇشىدا ئاساسلىق رول ئويناۋاتقان ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ قېتىمقى ئاستانە سۆھبىتىگە تەكلىپ قىلىنىدىغانلار قاتارىدا يوق.

    ئامېرىكا گوۋۇيۈەنىنىڭ باياناتچىسى مارك تونىر مۇنداق دېدى: مېنىڭچە، سۆھبەتكە ئامېرىكا تەكلىپ قىلىنىدۇ، بىز سۇرىيە توقۇنۇشىنى ياراشتۇرىدىغان ھەرقانداق تىرىشچانلىققا قارشى تۇرمايمىز؛ ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى ئاستانە سۆھبىتىگە قاتناشمىغان تەقدىردىمۇ، سۇرىيە ۋەزىيىتى توغرىسىدا ئامېرىكا يەنىلا رۇسىيە، تۈركىيە بىلەن بولغان ئالاقىنى ساقلايدۇ.

    ب د ب نىڭ ياراشتۇرۇشىدا ئۆتكۈزۈلگەن سۇرىيە ھۆكۈمىتى ۋە ئۆكتىچىلەر ۋەكىللىرى قاتناشقان 2 – قېتىملىق سۇرىيە مەسىلىسى جەنۋە سۆھبىتىنىڭ 2 – باسقۇچلۇق سۆھبىتى 2016 – يىل 4 – ئاينىڭ 27 – كۈنى جەنۋەدە ئاخىرلاشقان بولسىمۇ، كېيىنكى قېتىملىق سۆھبەتنىڭ كونكرېت ۋاقتى بېكىتىلمىگەن.

    رۇسىيە ‹‹سۈنئىي ھەمراھ›› ئاگېنتلىقى مۇنداق دېدى: نۇرغۇن تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئاستانە سۆھبىتى جەنۋە سۆھبىتىنىڭ ئۈنۈملۈك تولۇقلىمىسى بولۇپ، ئۇنىڭ ئورنىنى ھەرگىز باسالمايدىكەن.

    ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداشنى تۈپ مەقسەت قىلغان ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدا بولمىغان بىر تەشكىلاتنىڭ سۇرىيە تارمىقىدىكى ئەزاسى جوھانىس دىررون مۇنداق دېدى:ئاستانە سۆھبىتى ب د ت مېخانىزمىنىڭ سىرتىدىكى يەنە بىر خىل شەكىل سۈپىتىدە ئۈنۈملۈك بولۇشى مۇمكىن؛ ھازىرغىچە بىز ب د ت نىڭ سۇرىيە مەسىلىسىدە زور ئىلگىرىلەشكە ئېرىشەلمىگەنلىكىنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمىز، شۇڭا، باشقىچە شەكىلنى سىناپ بېقىشقا بولىدۇ.(تامام)

[ۋۇ ۋېنشيا]
010020070830000000000000011100001359579871