سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئۈرۈمچى مىچۈەن-كۆكتاغ رايونىغا ئۈچ يىل ئىچىدە دۆلەتلىك 5A دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىك باغچىسى ياسىلىدۇ

مۇھەررىر: ۋۇ ۋېنشيا
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-01-05

    مۇخبىرنىڭ 4-يانۋار ئۈرۈمچى مىچۈەن-كۆكتاغ رايونلۇق پارتكوم ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، مىچۈەن-كۆكتاغ رايونى ئۈچ يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ تەڭرىتاغ ئېتىكى بويىچە ئەڭ گۈزەل «جۇڭگو گۈلى» ساياھەت ماركىسىنى بەرپا قىلىپ، ئىپتىدائىي ئورمانلىق ئىستىراھەت رايونىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «ئون مىڭ مولۇق شال دېڭىزى» مەنزىرە رايونى، قۇملۇق ئېكولوگىيە باغچىسى قاتارلىق ئۈچ چوڭ ساياھەت تۈرىنى ئېچىپ، مەملىكەت بويىچە ئەڭ ياخشى دۆلەتلىك يېزا ئىگىلىك باغچىسىنى قۇرۇپ، 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى بەرپا قىلىشقا تىرىشىدىكەن.

    مىچۈەن-كۆكتاغ رايونىدا ئېگىز تاغ، يېشىللىق، قۇملۇق مەنزىرىسى بىرلەشكەن بولسىمۇ، ئالاھىدە مول ساياھەت مەنبەسى ئۈنۈملۈك قوللىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەن. 2017-يىلى مىچۈەن-كۆكتاغ رايونلۇق دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق تارماقلىرى يېزا-كەنت مەنزىرىسىنى ئۆزگەرتىپ، يېزا ئىگىلىك ۋە ساياھەتنىڭ بىرلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىك ۋە ئىستىراھەت يېزا ئىگىلىكنى چىڭ تۇتۇپ، كۆكتات، شال قاتارلىق ئورگانىك يېشىل ماركىنى بەرپا قىلىدىكەن.(تامام)

[ۋۇ ۋېنشيا]
010020070830000000000000011100001359578771