سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

10-نۆۋەتلىك جوڭگو.شىنجاڭ چاغانلىق ماللار كۆرگەزمىسى باشلاندى

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-01-05

 

    10-نۆۋەتلىك جۇڭگو.شىنجاڭ چاغانلىق ماللار كۆرگەزمىسى 4-يانۋار قىزىلتۆپە شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە باشلاندى. بۇ قېتىمقى كۆرگەزمە 25-يانۋارغىچە داۋاملىشىدىغان بولۇپ، شەھەر ئاھالىلىرى ئالدىن بېرىپ چاغانلىق ماللارنى سېتىۋالسا بولىدىكەن.

    ئىگىلىنىشىچە، بۇ نۆۋەتلىك چاغانلىق ماللار كۆرگەزمىسى ئۆي ئىچى كۆرگەزمە ئورنى كۆلىمى 180 مىڭ كىۋادرات مېتىر، ئۆي سىرتى كۆرگەزمە ئورنى كۆلىمى 10 مىڭ كىۋادرات مېتىر كېلىدىكەن. بۇ قېتىم مەملىكىتىمىزىدىكى ھەر قايسى ئۆلكە-شەھەرلەر، شۇنداقلا پاكىستان، تۈركىيە، كورېيە، مالايشىيا، سىنگاپۇر قاتارلىق 21 دۆلەتتىكى 850دىن ئارتۇق داڭلىق كارخانا تەكلىپ بىلەن كۆرگەزمىگە قاتناشقان.

(تامام)

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001359572271