سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

‹‹ئون تۈرلۈك مۇھىم نۇقتا››نى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ھەقىقىي چىڭ تۇتايلى

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-01-05

     ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا مۇنداق كۆرسىتىلدى: 2017 – يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەسىلىنى ھەل قىلىش ئارقىلىق يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش خىزمىتىنى ياخشى ئورۇنداپ، ئومۇمىي پىكىر يولىنى ئىگىلەپ، ئاچقۇچلۇق تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

    ‹‹ئون تۈرلۈك مۇھىم نۇقتىنى ھەقىقىي چىڭ تۇتۇش›› ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى بىر ئاچقۇچلۇق تەدبىر.

    مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەپ، ئىقتىسادنىڭ سىلىق، ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەريانىدا، نۇرغۇن زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىمىز، مۇھىم نۇقتىنى چىڭ تۇتۇش شەيئىلەردىكى ئاساسلىق زىددىيەتنى چىڭ تۇتۇشنى كۆرسىتىدۇ. ئاساسلىق زىددىيەتنى تۇتۇپ، نۇقتىلىق بۆسۈش ھاسىل قىلىش خىزمىتىنى يولغا قويۇش بىزنىڭ خىزمەت مېتودولوگىيەمىز، شۇنداقلا تەرەققىياتنى تېزلىتىشتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىمىز.

    ئاپتونوم رايون بېكىتكەن ‹‹ئون تۈرلۈك مۇھىم نۇقتا›› تۆۋەندىكىچە: ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ئالاھىدە چىڭ تۇتۇپ، تەرەققىيات چەكلىمىسىنى بۇزۇپ تاشلاش؛ ئەمەلىي ئىقتىسادنى ئالاھىدە چىڭ تۇتۇپ، ئۆزگىچە ئەۋزەل كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە زورايتىش؛ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئالاھىدە چىڭ تۇتۇپ، تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇش؛ مالىيە – باج، پۇل مۇئامىلىنى ئالاھىدە چىڭ تۇتۇپ، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش؛ خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى ئالاھىدە چىڭ تۇتۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى كۈچەيتىش؛ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، نامرات ئاھالىلەرنى دەل جايىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ شەھەر – يېزىلارنى بىر تۇتاش پىلانلاشنى ئالاھىدە چىڭ تۇتۇپ، يېڭىچە بازارلاشتۇرۇش ۋە يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ مۇھىت ئاسراشنى ئالاھىدە چىڭ تۇتۇپ، تىرىشىپ گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش؛ بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ بىرلىشىشىنى ئالاھىدە چىڭ تۇتۇپ، بىڭتۈەننىڭ تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ تېز تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ جەنۇبىي شىنجاڭنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئالاھىدە چىڭ تۇتۇپ، شىنجاڭنىڭ بۇ ‹‹شاھمات كۆزى››نى پۈتۈن كۈچ بىلەن جانلاندۇرۇش.

    بۇ ئون تۈرلۈك مۇھىم نۇقتىلىق خىزمەتتە ئومۇمىيەت تولۇق ئىگىلىنىپ، يىراق كەلگۈسى كۆزدە تۇتۇلۇپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدىكى مۇھىم نۇقتا ئېنىق بېكىتىلدى. ئۇل ئەسلىھە جەھەتتە ئارقىدا قېلىش شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى بوغۇپ قويۇۋاتقان ئەڭ چوڭ يېتەرسىزلىك، شۇنداقلا ئەڭ چوڭ يوشۇرۇن كۈچ. قاتناش، سۇچىلىق، ئېنېرگىيە قاتارلىق نۇقتىلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى تۈرىنى كۈچەپ چىڭ تۇتقاندىلا، ئۇنىڭ ئاپتونوم رايون ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا كۆرسىتىدىغان ئاچقۇچلۇق تۈرتكىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرغىلى بولىدۇ؛ شىنجاڭنىڭ كەسىپ تايانچى ئەمەلىي ئىقتىسادتا، ئەۋزەللىكىمۇ ئەمەلىي ئىقتىسادتا. ئەمەلىي ئىقتىسادنى قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنى زورايتىش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىش شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ ھەم ياخشى، ھەم تېز تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇقەررەر يول. شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ئالاھىدە چېگرا رايون، نامرات نوپۇس كۆپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسى ئىنتايىن مۈشكۈل، شۇڭا تېخىمۇ زور ئىرادىگە كېلىپ، قىيىن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، ئىستىھكامنى ئىگىلەش كېرەك؛ شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ئىنتايىن ناچار، تەبىئىي ئەسلىگە كېلىش ئىقتىدارى ئاجىز. بىز ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشتا باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات سۈرئىتى ئاستىراق بولسىمۇ، ھەرگىزمۇ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇشقا كۈچىمەسلىكىمىز، تەرەققىياتنى ھەقىقىي ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكى ئاساسىدا ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. شىنجاڭ بىر تاختا شاھمات بولسا، جەنۇبىي شىنجاڭ شاھماتنىڭ كۆزى، مۇقىملىقنى چىڭ تۇتۇش بىلەن بىللە، يەنە تەرەققىياتنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. بىز جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ناچار تەرىپىدىن ئۆزىمىزنى قاچۇرماي، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئەۋزەللىكىنىمۇ كۆرۈشىمىز كېرەك. بۇ ئەۋزەللىكتىن تولۇق ۋە ياخشى پايدىلىنىپ، ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات قەدىمىنى تېزلىتىشىمىز كېرەك.

    ‹‹ئون تۈرلۈك مۇھىم نۇقتا››دا، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا بىۋاسىتە توسالغۇ بولۇۋاتقان ئاساسلىق زىددىيەتنى چۆرىدەپ، مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ تۈپ ئۇسۇلى ۋە يولى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى توغرىسىدا چىقارغان چوڭقۇر ھۆكۈمى ۋە بەلگىلىگەن ئىلمىي تەدبىرى؛ مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئاچقۇچى، شۇنداقلا ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىمىزنىڭ كۆزلەش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسى.

    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ھەر بىر نۇقتىلىق خىزمەت توغرىسىدا كونكرېت ۋە ئىنچىكە ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ باردى. كېيىنكى قەدەمدە، جايلار، تارماقلار پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاتلىنىپ، تۈرلۈك تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، ھەر بىر نۇقتىلىق تۈرنى چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلەپ، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي خىزمىتىدە يېڭى قەدەم تاشلاشقا ھەقىقىي تۈرتكە بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادنى ئاشۇرۇش كۆزلىمە نىشانىغا ئوڭۇشلۇق يېتىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.(تامام)

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001359571781