سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سانائەت كەسپىدە 150 مىڭ كىشىنى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۆلچەرلەندى

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-01-05

     مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ 2017 – يىللىق ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتى تېلېۋىزىيە – تېلېفون يىغىنىدىن ئۇقۇشىچە، بۇ يىل ئاپتونوم رايون كەسپ ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش تەرەققىيات سالمىقىنى زورايتىپ، كەسىپكە قوبۇل قىلىش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ياخشى ئىشلەشكە كۈچەپ، سانائەت كەسپىدە 150 مىڭ كىشىنى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۆلچەرلىگەن.

    2017 – يىلى ئاپتونوم رايون ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولغان توقۇمىچىلىق، كىيىم – كېچەك، يېنىك سانائەت ۋە يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىق كەسىپلەرنى يەنىمۇ زورايتىپ سەرخىللاشتۇرىدۇ. توقۇمىچىلىق ساھەسىدە سىياسەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇشقا يېتەكچىلىك قىلىش، باشلامچى كارخانىلارنى قوللاش سالمىقىنى زورايتىش، يانداشما كەسىپلەر تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق توقۇمىچىلىق، كىيىم – كېچەك كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى تېز ئىلگىرى سۈرىدۇ. كىيىم – كېچەك، ئائىلە توقۇمىچىلىقى قاتارلىق ئىنچىكە پىششىقلاپ ئىشلەش تۈرلىرىدە يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، توقۇمىچىلىق سانائىتىنى %50 ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، 100 مىڭدىن كۆپرەك كىشىنى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدۇ. يېنىك سانائەت ۋە يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش بويىچە، ئاپتونوم رايون ‹‹تۈر، سۈپەت، داڭلىق ماركا››دىن ئىبارەت ئۈچ قۇرۇلۇشنى قانات يايدۇرۇپ، كەسىپنىڭ ئوتتۇرا، يۇقىرى سەۋىيەگە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

    ئاپتونوم رايون جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى يەنىمۇ قوللاش ئۈچۈن، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە خاس كەسىپلەر ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش مەخسۇس ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، كەسىپلەرنى راۋاجلاندۇرۇش، تۈر مەبلىغىنى ئورۇنلاشتۇرۇش، تۆۋەن باھالىق توك سىياسىتىنى يولغا قويۇش، بازار ئېچىش، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش قاتارلىق جەھەتلەردە، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونى، نامرات رايونلارغا داۋاملىق مايىللىشىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىشكە ياردەم بېرىپ، يېزا – بازارلاردا نامراتلارنى يۆلەش كەسىپلەر رايونىدىن 40نى قۇرۇشنى قوللاپ، 50 مىڭدىن كۆپرەك كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

    ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى كارخانا باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سۇ يۇڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىل بىز ‹‹تېز ئۈنۈم بېرىدىغان تۈرلەر››نى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، مالىيە ياردىمى سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتىپ، ‹‹تېز ئۈنۈم بېرىدىغان تۈرلەر›› بويىچە 95 مىڭ كىشىنى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىمىز. بۇ يىل يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلىشىدىغانلارنىڭ سانى توقۇمىچىلىق سانائىتى، ‹‹تېز ئۈنۈم بېرىدىغان تۈرلەر›› ۋە يېزا – بازارلىق نامراتلارنى يۆلەش كەسىپلەر رايونى قاتارلىق كەسىپلەردىكى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلارنىڭ سانىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇ ئۈچىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى سانلىق مەلۇمات ئۆزئارا گىرەلىشىپ كەتكەن.(تامام)

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001359571761