سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئاپتونوم رايونىمىز بۇ يىل سىرتقا45 مىليارد كىلوۋات سائەت توك يەتكۈزۈشكە تىرىشىدۇ

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-01-05

    مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ 2017 – يىللىق ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتى تېلېۋىزىيە – تېلېفون يىغىنىدىن ئۇقۇشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز 2017 – يىلى سىرتقا 45 مىليارد كىلوۋات سائەت توك يەتكۈزۈشكە تىرىشىپ، شىنجاڭنىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا سىرتقا يەتكۈزىدىكەن.

    ئاپتونوم رايونىمىز 2017 – يىلى ئېلېكتىر كۈچى تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىۋاسىتە سودا، ئىككى تەرەپلىك سودا ۋە سەپلىمە ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى كېڭەيتىپ، سودا كۆلىمىنى ئايرىم – ئايرىم ھالدا 10 مىليارد كىلوۋات سائەتكە يەتكۈزىدىكەن. توك ئارقىلىق ئىسسىنىشتا ئىشلىتىلىدىغان توك باھاسى سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، پاكىز ئېنېرگىيە ئىستېمال نىسبىتىنى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرىدىكەن.

    ئىگىلىنىشىچە، ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ‹‹شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش›› قۇرۇلۇشى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈلۈۋېتىپتۇ. چوڭ بوغاز – قومۇل قاتارلىق 750 كىلوۋولتلۇق توك يەتكۈزۈش – ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى تاماملىنىپ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلۈپتۇ؛ شەرقىي جۇڭغار – جەنۇبىي ئەنخۈي 1100± كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى ۋە ئۇنىڭغا يانداشتۇرۇلغان 13 مىليون 200 مىڭ كىلوۋاتلىق ئېلېكتىر مەنبەسى تۈرىدە تېز قۇرۇلۇش قىلىنىۋېتىپتۇ، ‹‹شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش›› قۇرۇلۇشىنىڭ 3 – لىنىيەسى بولغان قومۇلنىڭ شىمالى – خۇبېي جىڭمېن 800± كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىك خىزمىتى پائال ئىلگىرى سۈرۈلۈۋېتىپتۇ.

    ‹‹شىنجاڭنى ئېلېكتىرلەشتۈرۈش خىزمىتىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش لايىھەسى››نىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىز بۇ يىل سەپلىمە ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى 6 مىليارد كىلوۋات سائەتكە يەتكۈزۈش؛ 2018 – يىلى سەپلىمە ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى 7 مىليارد كىلوۋات سائەتكە يەتكۈزۈشنى پىلانلىغان. ‹‹13 – بەش يىل›› مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىز سەپلىمە ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى33 مىليارد كىلوۋات سائەتكە يەتكۈزۈشكە تىرىشىپ، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن سەپلىمە ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى %10تىن %20 كىچە سۈرئەتتە ئاشۇرىدىكەن.(تامام)

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001359571751