سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز غەربكە قاتنايدىغان جۇڭگو–ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنى 400گە يەتكۈزۈشكە تىرىشىدۇ

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-01-05

    2017 – يىلى ئاپتونوم رايونىمىز غەربكە قاتنايدىغان جۇڭگو – ياۋروپا نۆۋەتچى پويىز تىرانسپورت كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، غەربكە قاتنايدىغان جۇڭگو – ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنى بۇلتۇرقىدىن 180 گە يېقىن كۆپەيتىپ 400 گە يەتكۈزۈشكە تىرىشىدۇ.

    2017 – يىلى ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى دۆلەتنىڭ سىياسەت جەھەتتىن قوللىشىنى داۋاملىق قولغا كەلتۈرۈپ، تارماقلار ئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، تاموژنا تەكشۈرۈش ۋە توشۇش ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئۆستۈرىدۇ. مەملىكەتلىك جۇڭگو – ياۋروپا نۆۋەتچى پويىز ئىتتىپاقى يىغىنى ئېچىپ، ئىچكىرىدىكى ئۆلكە، شەھەرلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو – ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ شىنجاڭ يىغىلىش مەركىزى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تېزلىتىدۇ.

    ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: غەربكە قاتنايدىغان جۇڭگو – ياۋروپا خەلقئارا يۈك پويىزىنىڭ ئېكسپورتقا تۈرتكە بولۇش رولى يەنىمۇ تولۇق جارى قىلدۇرۇلۇپ، ئۈسكۈنە، تېخنىكا، مۇلازىمەت چىقىرىش تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. خەلقئارا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقىدا يېڭى قەدەم تاشلىنىپ، ئوچۇق ئىقتىساد بەرپا قىلىنىپ، سانائەتنىڭ مۇقىم ئېشىشىغا يېڭى تەرەققىيات بوشلۇقى ئېچىش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.

    بۇلتۇر ئاپتونوم رايونىمىزدا جۇڭگو شىنجاڭ ئوتتۇرا ئاسىيا، ئىران، گىرۇزىيە قاتارلىق توققۇز خەلقئارا يۈك پويىزى سېلىنىپ، چۇڭچىڭ، چېڭدۇ قاتارلىق سەككىز ئۆلكە، شەھەر بىلەن ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىنىپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› جۇڭگو – ياۋروپا يۈك پويىزى ئىتتىپاقى بىرلىكتە قۇرۇلۇپ، ‹‹چۇڭچىڭ – شىنجاڭ – ياۋروپا›› قاتارلىق نۆۋەتچى پويىزلارنىڭ جۇڭگو شىنجاڭ، ياۋروپا خەلقئارا يۈك پويىزى بىلەن ئۆزئارا بىرلىشىش، توپلاپ گۇرۇپپىغا بۆلۈش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا نۆۋەتچى پويىزى ئۈرۈمچى يىغىلىش مەركىزىنىڭ دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللىنىشى ئىلگىرى سۈرۈلدى. بۇلتۇر 223 پويىز قاتناپ، خىمىيە سانائىتى، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى قاتارلىق شىنجاڭنىڭ يەرلىك مەھسۇلاتلىرىنى غەربكە ئېكسپورت قىلىشقا ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولدى.(تامام)

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001359571741