سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

چاغان مەزگىلىدە ئۈرۈمچى شەھەر رايونىدا 50 پوجاڭزا پارچە سېتىش نۇقتىسى تەسىس قىلىنىدۇ

مۇھەررىر: ۋۇ ۋېنشيا
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-01-05

    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش نازارەتچىلىكى ئىدارىسى 2016-يىلى 29-دېكابىر «ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 2017-يىلى چاغان مەزگىلىدىكى پوجاڭزا تىجارىتى-پوجاڭزا بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتى لايىھەسى»نى تۈزۈپ ۋە تارقىتىپ، ئۈرۈمچى شەھىرىگە قاراشلىق ھەر قايسى رايون (ناھىيە)لارنىڭ پوجاڭزا بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سىستېمىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پوجاڭزا بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتى بويىچە ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمنى بەرپا قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

    2017-يىلى چاغان مەزگىلىدە، ئۈرۈمچى شەھىرى شەھەر رايونىدىكى پوجاڭزا پارچە سېتىش نۇقتىسىنىڭ سانىنى 50 ئىچىدە تىزگىنلەيدىغان بولۇپ، پوجاڭزا پارچە سېتىش نۇقتىسىنىڭ سان تەقسىماتى مۇنداق: تەڭرىتاغ رايونى بەش؛ سايباغ رايونى 10؛ بۇلاقتاغ رايونى 11؛ يۇقىرى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭى شەھەر رايونى) 13؛ ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) بەش؛ مىچۈەن-كۆكتاغ رايونى ئالتە. «لايىھە»دە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: مەركىزىي رايوندىكى ئادەم زىچ رايونغا پوجاڭزا پارچە سېتىش نۇقتىسى تەسىس قىلىشقا بولمايدۇ، مىچۈەن-كۆكتاغ رايونى، يۇقىرى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى(يېڭى شەھەر رايونى)، داۋانچېڭ رايونى، ئۈرۈمچى ناھىيەسى تەۋەلىكىدىكى يېزا (بازار) پوجاڭزا پارچە سېتىش نۇقتىسى سانىنى تۇرۇشلۇق رايون ( ناھىيە ) ئۆزى بېكىتىپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك بىخەتەرلىكنى نازارەت قىلىش ئىدارىسىگە ئەنگە ئالدۇرىدۇ.(تامام)

[ۋۇ ۋېنشيا]
010020070830000000000000011100001359569691