سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئۈرۈمچىدە يەنە توڭ تۇمانلىق ھاۋارايى كۆرۈلۈپ، 47 قېتىملىق نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇشى كېچىكتۈرۈلدى

مۇھەررىر: ۋۇ ۋېنشيا
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-01-05

    3-يانۋار ئەتىگەن سائەت 10:30دا، ئۈرۈمچى ئايرودۇرۇمىنى قويۇق تۇمان قاپلىدى. (ئۈرۈمچى دىۋوپو خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدىكى خىزمەتچى خادىم تەمىنلىگەن سۈرەت)

    3-يانۋار، ئۈرۈمچىدە يەنە توڭ تۇمانلىق ھاۋارايى كۆرۈلۈپ، ئەتىگەن سائەت 07:30 دىن باشلاپ، ئۈرۈمچى دىۋوپو خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدىكى كۆرۈش ئارلىقى ئۇچۇش، قونۇش ئۆلچىمىدىن تۆۋەنلەپ، نۇرغۇن نۆۋەتچى ئايروپىلانلار كېچىكتۈرۈلگەن ۋە ئۇچۇشى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.

    مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايرودۇرۇمى قاتناش قوماندانلىق مەركىزىدىن ئىگىلىشىچە، ئۈرۈمچى ئايرودۇرۇمىدا توڭ تۇمانلىق ھاۋارايى كۆرۈلۈپ، كۆرۈش ئارىلىقى ئۇچۇش، قونۇش ئۆلچىمىدىن تۆۋەن بولغان. 3-يانۋار پۈتۈن كۈندە 218 قېتىملىق نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇشى ۋە 223 قېتىملىق نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ قونۇشى پىلانلانغان بولۇپ، توڭ تۇمانلىق ھاۋارايى سەۋەبلىك 47 قېتىملىق نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇشى كېچىكتۈرۈلۈپ، تۆت نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ قونۇشى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە تۆۋەن كۆرۈش ئارلىقىدىكى ھەرىكەت پىلانى ئىككى قېتىم قوزغىتىلىپ، بۇ ئارىلىقتا 18 قېتىملىق نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ نورمال ئۇچۇشىغا، 15 قېتىملىق نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ قونۇشىغا كاپالەتلىك قىلىنغان.

    مۇخبىر ماقالە ئەۋەتكەندە ھاۋارايى ئەھۋالى مۇقىملىشىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ ئۇچۇش ۋە قونىشى ئاستا-ئاستا ئەسلىگە كەلگەن.(تامام)

[ۋۇ ۋېنشيا]
010020070830000000000000011100001359569681