سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئۈرۈمچى بۇ يىل ياۋروپاغا بىۋاسىتە ئۇچىدىغان تۇنجى لىنىيەنى ئېچىشى مۇمكىن

مۇھەررىر: ۋۇ ۋېنشيا
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-01-05

   مۇخبىرنىڭ 2-يانۋار شىنجاڭ خەلق ئاۋىياتسىيەنىڭ 2017-يىللىق خىزمەت يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايرودۇرۇمىنىڭ 2017-يىلى ياۋروپاغا بىۋاسىتە ئۇچىدىغان لىنىيەنى ئېچىشىدىن ئۈمىد بار بولۇپ، لوندون، رىم، ۋيېنا قاتارلىق ئۈچ شەھەرگە بىۋاسىتە بارىدىغان لىنىيەنىڭ تەييارلىقى ئىشلىنىۋېتىپتۇ، قايسىسىنىڭ ئەڭ ئاۋۋال يولۇچىلار بىلەن «يۈز كۆرۈشىدىغان»لىقى تېخى ئېنىق ئەمەس ئىكەن.

    يىغىندىن ئاشكارىلىنىشىچە، نۆۋەتتە چېڭدۇ-ئۈرۈمچى-رىم، گۇاڭجۇ-ئۈرۈمچى-ۋيېنا قاتارلىق ئىككى لىنىيە جۇڭگو پۇقرالار ئاۋىياتسىيە ئىدارىسىنىڭ تەستىقىغا ئېرىشكەن بولۇپ، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى نۆۋەتتە گۇاڭجۇ-ئۈرۈمچى-لوندۇن لىنىيەسىنى ئېچىۋېتىپتۇ.(تامام)

[ۋۇ ۋېنشيا]
010020070830000000000000011100001359569671