سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئۈرۈمچى يەتتە يىل ئىچىدە ئۈچ مېترو لىنىيەسىنى ياساپ پۈتتۈرۈشنى پىلانلىدى

مۇھەررىر: ۋۇ ۋېنشيا
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-01-05

    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇھىت ئاسراش نازارىتى تور بېكىتى 3-يانۋار تورداشلارغا «ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شەھەر رېلىسلىق قاتنىشى 3-قارارلىق قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانى (2017~2023 يىل) ۋە لىنىيە تورى پىلانى (تۈزىتىلمىسى) مۇھىت تەسىرىنى باھالاش تۇنجى قېتىملىق ئۇچۇرلىرى»نى ئېلان قىلدى، ئۈرۈمچى 2017-يىلدىن 2023-يىلغىچە بولغان يەتتە يىل ئىچىدە 5 ـ لىنىيەنىڭ 1 ـ قارارلىق قۇرۇلۇشى، 2 ـ لىنىيەنىڭ 2-قارارلىق قۇرۇلۇشى، 6-لىنىيەنىڭ 1-قارارلىق قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئۈچ مېترو لىنىيەسىنى ياساپ پۈتتۈرۈشنى پىلانلىدى.

    2020-يىلىغا بارغاندا، ئۈرۈمچى شەھىرى لىنىيە تورىنى سەككىز لىنىيەدىن تەركىب تاپقۇزۇشنى، لىنىيەنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقىنى 257.1 كىلومېتىرغا يەتكۈزۈشنى پىلان قىلغان بولۇپ، بۇلار ئىچىدە، يەر ئاستى لىنىيەسى 139.8 كىلومېتىر، كۆتۈرمە كۆۋرۈك 114.2 كىلومېتىر بولىدۇ.(تامام)

[ۋۇ ۋېنشيا]
010020070830000000000000011100001359568831