سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

جۇڭگو غەربىي رايون قار-مۇز بايرىمى . دۆربىلجىن ناھىيەسىنىڭ 6-نۆۋەتلىك قار-مۇز مەدەنىيەت-ساياھەت بايرىمى باشلاندى

مۇھەررىر: ۋۇ ۋېنشيا
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-01-04

    گۈزەل قار-مۇز مەنزىرىسى، كۆڭۈللۈك تاماشا، ئېسىل نازۇ-نېمەتلەر... خوشاللىق ئىچىدە يېڭى يىلغا قەدەم باسايلى. 1-يانۋار «جۇڭگو غەربىي رايون قار-مۇز بايرىمى . دۆربىلجىن ناھىيەسىنىڭ 6-نۆۋەتلىك قار-مۇز مەدەنىيەت-ساياھەت بايرىمى» باشلىنىپ، شۇ جايدىكى كىشىلەر ۋە ساياھەتچىلەر بىر مەيدان كاتتا قار-مۇز زىياپىتىدىن بەھىرلەندى.

    بۇ يىل، دۆربىلجىن ناھىيەسىنىڭ قار-مۇز مەدەنىيەت-ساياھەت بايرىمى 6-يىلغا قەدەم قويغان بولۇپ، ئالدىنقى يىللاردىكىگە ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، بۇ نۆۋەتلىك قار-مۇز بايرىمىدا ئاممىنىڭ ئىشتىراك قىلىشىغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىلگەن. قارلىق دالا پۇتبولى شىمالىي شىنجاڭ تەكلىپ مۇسابىقىسى، مول مەزمۇنلۇق باغچا سەيلىسى، بوشلۇق شەھىرى يانفون فوتو سۈرەت مۇسابىقىسى، كۆڭۈل ئېچىش ئويۇنلىرى قاتارلىق ھەر خىل ئاممىۋى تەنھەرىكەت ۋە ئاممىۋى بەدەن چېنىقتۇرۇش تۈرى بۇ نۆۋەتلىك قار-مۇز بايرىمىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى قىلىنىپ، كىشىلەر قىشلىق تەنھەرىكەت خۇشاللىقىدىن ھوزۇرلانغان.

    بىر قاتار سانلىق مەلۇماتلار قار-مۇز بايرىمىنىڭ دۆربىلجىن ناھىيەسىنىڭ ساياھەت ئىقتىسادىغا كۈچلۈك تۈرتكىلىك رول ئوينىغانلىقىغا ئىسپات بولالايدۇ. قار-مۇز بايرىمى ئۇيۇشتۇرۇلغاندىن بۇيان ساياھەتچىلەر 2012-يىلدىكى 170 مىڭ ئادەم (قېتىم)دىن 2016-يىل 220 مىڭ ئادەم (قېتىم)گە كۆپەيگەن؛ كىرىم 2012-يىلدىكى 30 مىليون يۈەندىن ئېشىپ، 2016-يىل 218 مىليون يۈەنگە يەتكەن. چەت ئەللىك ساياھەتچىلەر 2012-يىلدىكى 345 ئادەمدىن كۆپىيىپ 2016-يىل 867 ئادەمگە يەتكەن.(تامام)

[ۋۇ ۋېنشيا]
010020070830000000000000011100001359549871