سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

شىنجاڭدىكى 293 نەپەر ئىستۇدېنت دۆلەت ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

مۇھەررىر: ۋۇ ۋېنشيا
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-01-04

   2015-، 2016-يىللىق تولۇق كۇرس، مەخسۇس كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دۆلەت ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەر تىزىملىكى يېقىندا مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ تورىدا ئېلان قىلىندى. شىنجاڭ(بىڭتۈەننى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)دىن 293 نەپەر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بۇ ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن بولۇپ، ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا 8000 يۈەن ئوقۇش مۇكاپات پۇلى تارقىتىلدى.

    مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىن 44 نەپەر ئوقۇغۇچى بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بولۇپ، شىنجاڭدىكى مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلەر سانى ئەڭ كۆپ ئۇنىۋېرسىتېت بولۇپ قالغان.(تامام)

[ۋۇ ۋېنشيا]
010020070830000000000000011100001359549851