سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

لەيلىمە مۈشۈكئېيىق بىلەن كوئالا سىدنېيدىكى ئاشىق–مەشۇقلار پورتىدا ‹‹جۇڭگو–ئاۋسترالىيە ساياھەت يىلى››نى كۈتۈۋالدى

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-01-04

  يېڭى يىل كىرىشى بىلەن ئاۋسترالىيەنىڭ سىدنېي شەھىرىدىكى ئاشىق – مەشۇقلار پورتى ‹‹جۇڭگو – ئاۋسترالىيە ساياھەت يىلى››نىڭ قۇت بەلگىسى بولغان مۈشۈكئېيىق بىلەن كوئالا (دەرەخ خالتىلىق ئېيىقى)نىڭ لەيلىمە گاز شار قونچىقىنى كۈتۈۋالدى. ئۇلارنىڭ ئاشىق – مەشۇقلار پورتىدىكى قول تۇتۇشۇپ تۇرغان ھالىتى نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسى ۋە ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى.

 2017 – يىلى جۇڭگو ھۆكۈمىتى بىلەن ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى ئورتاق تەسىس قىلغان ساياھەت يىلى. جۇڭگو دۆلەت ساياھەت ئىدارىسى سىدنېي باشقارمىسىنىڭ مۇدىرى لو ۋېيجيەن مۇنداق دېدى: ‹‹جۇڭگو – ئاۋسترالىيە ساياھەت يىلى›› ئۆتكۈزۈش جۇڭگو – ئاۋسترالىيە ھۆكۈمەتلىرى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات ئومۇملۇقىنى كۆزدە تۇتۇپ چىقارغان مۇھىم قارار بولۇپ، ئىككى دۆلەت ھۆكۈمىتىنىڭ ساياھەت ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقىغا ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلىش بىلەن بىللە، جۇڭگو – ئاۋسترالىيەنىڭ ساياھەت ھەمكارلىقى ۋە تەرەققىياتىنىڭ مىسلىسىز يۈكسەكلىككە ۋە سەۋىيەگە يەتكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

 ئىگىلىنىشىچە، 2015 – يىلى ئاۋسترالىيەدىن جۇڭگوغا ساياھەتكە كەلگەنلەر 637 مىڭ 300 ئادەم(قېتىم)گە يەتكەن بولۇپ، جۇڭگوغا كىرگەن ساياھەتچىلەر مەنبەسى بازىرىدا 13 – ئورۇندا تۇرغان. 2016 – يىلىنىڭ ئالدىنقى توققۇز ئېيىدا، ئاۋسترالىيەدىن كەلگەن ساياھەتچى 484 مىڭ 600 ئادەم(قېتىم) بولۇپ، 2015 – يىلىنىڭ شۇ مەزگىلىدىكىدىن %5.4 ئاشقان. 2015 – يىلى 7 – ئايدىن 2016 – يىلى 6 – ئايغىچە، ئاۋسترالىيە كۈتۈۋالغان جۇڭگولۇق ساياھەتچى 1 مىليون 60 مىڭ ئادەم(قېتىم)گە يېتىپ، ئالدىنقى يىللارنىڭ شۇ مەزگىلىدىكىدىن %23 ئاشقان، جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرنىڭ ئىستېمال ئومۇمىي سوممىسى 8 مىليارد 900 مىليون ئاۋسترالىيە دوللىرى بولۇپ، ئالدىنقى يىللارنىڭ شۇ مەزگىلىدىكىدىن %27 ئاشقان. (تامام)

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001359549781