سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

2017–يىلى دۇنيانىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتى قانداق بولىدۇ؟

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-01-04

    2017  – يىلى يەنىلا نۇرغۇن ئېنىقسىز ئامىللار مەۋجۇت، كەلگۈسى بىر يىلدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئالمىشىشى خەلقئارانىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟ ئەنگلىيەنىڭ ‹‹ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىشى››، نارودنىكلىق ۋە مۇساپىرلار كىرىزىسى ياۋروپانىڭ بىر گەۋدىلىشىش مۇساپىسىگە تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟داۋالغۇۋاتقان ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتىدە يەنە قانداق ئۆزگىرىش بولىدۇ؟ تەڭپۇڭلۇقىنى يوقاتقان دۇنياۋىلىشىش شامالغا قارشى يۆنىلىشتە ئىلگىرىلىيەلەمدۇ – يوق؟

    يېقىندا قاتتىق نارازى بولغان ئامېرىكا ئاۋام قاتلىمى ‹‹ئامېرىكىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش كېرەك›› دەپ جار سالىدىغان ترامپنى زۇڭتۇڭلۇق تەختىگە چىقاردى. تەشكىلىي تۈزۈمگە قارشى گۇرۇھ ئېقىمىدىكى بۇ زۇڭتۇڭنىڭ دېگەن گەپلىرى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. ئۇ: بىر قانچە سودا كېلىشىمىنى ئاخىرلاشتۇرىدىغانلىقىنى، تاموژنا قورغىنى تەسىس قىلىدىغانلىقىنى، ئامېرىكا – رۇسىيە مۇناسىۋىتىنى تەڭشەيدىغانلىقىنى جاكارلىدى، ئۇنىڭ قارىشىچە، ش ئا ئە ت نىڭ ‹‹ۋاقتى ئۆتۈپتۇ››... ئۇنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئەنئەنىۋى ئىستراتېگىيەلىك تەپەككۇرىدىكى‹‹ئىختىيارىي ئىپادىلەش››تىن ئارقا – ئارقىدىن قۇتۇلۇشى، سىرتقى ساھەدىكىلەرنىڭ ئامېرىكىنىڭ كەلگۈسىدىكى سىياسىتىدىكى ئېنىقسىزلىق ئەندىشىسىنى پەيدا قىلدى.

    ياۋروپا ئاتلانتىك ئوكيان ھالقىغان ئەنئەنىۋى مۇناسىۋەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە دۇچ كېلىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتىدۇ. ياۋروپا ئىستراتېگىيەسى ۋە خەلقئارا مەسىلىلەر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى داۋىد فۇكۇئىت مۇنداق دېدى: ترامپنىڭ قىممەت قارىشى بىلەن كۆپ ساندىكى غەربىي ياۋروپا رەھبەرلىرى ئارىسىدا ئېغىر ئىختىلاپ مەۋجۇت، 2017 – يىلى 1 – ئايدا ترامپنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇشى ياۋروپا ۋە ئامېرىكىنىڭ ئىقتىساد – سودا مۇناسىۋىتى ۋە ھەربىي ئىتتىپاقلىق مۇناسىۋىتىدە ئېغىر سىناق بولىدۇ.

    ياۋروپا ئاقىللار ئامبىرى مادارىياگا ياۋروپا ئىنستىتۇتى فوندى جەمئىيىتىنىڭ ئىجرائىلىيە مۇدىرى پېررې تېلفورد ‹‹ئاتلانتىك ئوكيان ھالقىغان سودا ۋە مەبلەغ سېلىش ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى››نىڭ كەلگۈسىدىن ئۈمىدسىزلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ ئېنىقلا قىلىپ: ترامپ تەختكە چىققاندىن كېيىن ‹‹ياۋروپا ۋە ئامېرىكىنىڭ ئەركىن سودىسى تەشۋىشكە دۇچ كېلەمدۇ – يوق، بۇنىڭدىن گۇمانلىنىمەن››دېدى، ھالبۇكى، ئامېرىكىنىڭ ش ئا ئە ت دىكى مۇداپىئەسىنى ئاجىزلاشتۇرۇشى ياۋروپا ئىتتىپاقىنى مۇستەقىل مۇداپىئە ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشكە مەجبۇر قىلىدۇ.

    ترامپنىڭ تەختكە چىقىشىغا ئەگىشىپ، ئىزچىل كەسكىنلىشىۋاتقان ئامېرىكا – رۇسىيە مۇناسىۋىتى ياخشىلىنامدۇ – يوق، بۇنى داۋاملىق كۆزىتىشكە توغرا كېلىدۇ. زىيارەتنى قوبۇل قىلغان كۆپ ساندىكى مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېدى: ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن، ترامپ ش ئا ئە ت ۋە ئۇكرائىنا مەسىلىسىدە يۇمشاق ھالەتنى ساقلىدى، لېكىن رۇسىيە ۋە ئامېرىكىنىڭ جۇغراپىيەلىك سىياسىي مەنپەئەت ۋە ئىدىيەۋى مەنبە جەھەتتىكى پەرقى ناھايىتى چوڭ، يېقىنلىشالمايدۇ.

    رۇسىيە دىپلوماتىيە ۋە دۆلەت مۇداپىئە سىياسىتى كومىتېتىنىڭ رەئىسى، ۋالداي خەلقئارا مۇنازىرە كۇلۇبى ئىلمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى لۇكىيانوۋ مۇنداق دېدى: ترامپ تەختكە چىققاندىن كېيىن، رۇسىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ مۇناسىۋىتىدىكى جىددىيلىك پەسىيىشى مۇمكىن، لېكىن ياخشىلىنىشى تەس، ترامپ جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ قابىل ھۆكۈمرانلىرى ئارىسىدىكى ئەڭ مۇتەئەسسىپ گۇرۇھقا تايىنىدۇ، بۇ گۇرۇھتا رۇسىيەنىڭ دوستلىرى بەك ئاز.

    جۇڭگو – ئامېرىكىنىڭ چىقىشىپ ئۆتۈش يولىنى پىششىق بىلىدىغان ئامېرىكىنىڭ سابىق دۆلەت كاتىپى كىسىنگېر جۇڭگو – ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسىگە ئۈمىد بىلەن قارايدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ مۇنداق دېگەن: ئامېرىكىنىڭ جۇڭگوغا قاراتقان سىياسىتى پارتىيە – گۇرۇھلاردىن ھالقىغان، ھەر قانداق يېڭى زۇڭتۇڭ ئامېرىكا دۆلىتىنىڭ مەنپەئىتىگە دىققەت بىلەن نەزەر تاشلىغاندا، ئاخىرىدا جۇڭگو – ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشى بولۇشى ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مەنپەئىتىدىكى مۇھىم تەركىبىي قىسىم ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىدۇ.

    سىنگاپور ‹‹نەنياڭ›› تەبىئىي پەنلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خەلقئارا مەسىلىلەر مۇتەخەسسىسى لى مىڭجياڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىي ئالاقىسى يەنىلا چوڭقۇر، ئىككى تەرەپنىڭ مۇناسىۋەت ئالاقىسى قۇرۇلمىسى پىشىپ يېتىلگەن، كەلگۈسىدە ئىككى تەرەپنىڭ سودا ۋە پۇل ساھەسىدە بەزى سۈركىلىشلەر بولىدۇ، لېكىن ئىقتىسادىي جەھەتتىكى ھەمكارلىق ئىختىلاپتىن چوڭ بولىدۇ. ئامېرىكا جۇڭگونىڭ ئامېرىكىغا بېرىپ مەبلەغ سېلىش ۋە ئۇل ئەسلىھە ساھەسىگە تېخىمۇ كەڭ قورساق پوزىتسىيە تۇتسا، ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىق پۇرسىتى تېخىمۇ كۆپ بولىدۇ.

    ئاۋسترىيە 2016 – يىل 12 – ئاينىڭ 4 – كۈنى 2 – نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ سايلىمىنى قايتا ئۆتكۈزدى، چېكىدىن ئاشقان ئوڭ قانات لىبېرالىستلار پارتىيەسىنىڭ نامزاتى خوفېر مەغلۇپ بولدى. ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى بۇ نەتىجىگە قاراپ سەل يەڭگىللىگەن بولسىمۇ، لېكىن نارودنىكلىق ۋە چېكىدىن ئاشقان ئوڭ قانات كۈچلەرنىڭ كۈچىيىپ باش كۆتۈرۈشى مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان پاكىت بولۇپ قالدى. ئىككىنچى كۈنى ئىتالىيەنىڭ ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى ئومۇمنىڭ ئاۋازىغا قويۇشى مەغلۇپ بولدى، زۇڭلى لېنزى ئىستېپا بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى، ‹‹ياۋروپانىڭ بىر گەۋدىلىشىشىگە قارشى تۇرۇش گۇرۇھى›› ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى.

    ھازىرقى ئىقتىسادنىڭ ئاجىزلىشىشى، مۇساپىرلار كىرىزىسى ۋە تېررورىزم قاتارلىق كۆپ خىل خىرىس ياۋروپادا چېكىدىن ئاشقان ئوڭ قاناتلار ئىدىيەسىنى، نارودنىكلىقنى ئەۋج ئالدۇردى، چېكىدىن ئاشقان بەزى ئوڭ قانات پارتىيە – گۇرۇھلار ئاممىنىڭ نارازىلىق كەيپىياتىدىن پايدىلىنىپ تېزدىن باش كۆتۈرۈپ چىقىپ، ئۇلار تەشەببۇس قىلىۋاتقان يەكلەش، ياۋروپادىن گۇمانلىنىش ۋە مىللەتچىلىك ياۋروپانىڭ سىياسىي ئېكولوگىيەسىدە زور تەسىر پەيدا قىلدى.

    2017 – يىلى ياۋروپانىڭ چوڭ سايلام يىلى، گېرمانىيە، فىرانسىيە، گوللاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى پارتىيەلىرى زور سىناقنى كۈتۈۋالىدۇ. ھازىر، فىرانسىيەنىڭ چېكىدىن ئاشقان ئوڭ قانات پارتىيەسى مىللىي سېپىنىڭ رەئىسى مارىنا لېچۇڭ ۋە گوللاندىيە ‹‹ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بىر گەۋدىلىشىشىگە قارشى گۇرۇھى››نىڭ ئەركىن تەرەققىيپەرۋەرلەر پارتىيەسى ئەلرايىدا ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتى، ھالبۇكى، ئىتالىيە زۇڭلىسى لېنزى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەندىن كېيىن، يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت نارودنىك كۈچ ‹‹بەشيۇلتۇز ھەرىكىتى›› پارتىيەسىنىڭ خىرىسىغا دۇچ كەلدى...

    جۇڭگو ھازىرقى زامان خەلقئارا مۇناسىۋەت تەتقىقات ئاكادېمىيەسىنىڭ ياۋروپادىكى تەتقىقاتچىسى چېن ياڭ مۇنداق دېدى: ياۋروپا سىياسىي كىلىماتىنىڭ ئۆزگىرىشى ئاۋسترىيە سايلىمىنىڭ نەتىجىسى سەۋەبىدىن توختاپ قالمايدۇ، نارودنىكلىقنىڭ كەسكىنلىشىش ۋەزىيىتى يەنىلا داۋاملىشىدۇ.

    ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى يادرولۇق دۆلەت بولغان گېرمانىيەدە، زۇڭلى مېركىلمۇ بۇنداق يېڭى سىياسي ئېكولوگىيەگە ئۇيغۇنلىشىش ئۈچۈن تەڭشەش قىلدى. گېرمانىيەنىڭ سىياسەتشۇناسى گۇ شۆۋۇ مۇنداق دېدى: كېلەر يىلقى ئومۇمىي سايلامدا مېركىلنىڭ ئۇدا سايلىنىش ئويى بولمىسىمۇ، لېكىن ئوتتۇراھال ئوڭغا مايىل سايلىغۇچى ئاممىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ئۇ مۇساپىرلارنى پاناھىغا ئېلىش ۋە ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشى مۇمكىن.

    جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ياۋروپا تەتقىقاتخانىسى خەلقئارا مۇناسىۋەت ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى جاۋ چېن مۇنداق دېدى: كېلەر يىلى ياۋروپا ئىتتىپاقىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشتىكى ئاچقۇچلۇق بىر يىل، مىللىي سەپ فىرانسىيە ئومۇمىي سايلىمىدا غەلىبە قىلسا، ئۇنىڭ نامزاتى لېچۇڭ فىرانسىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى ئورنىغا تەشكىلىي ئاۋاز بېرىشى مۇمكىن، ياۋروپا ئىتتىپاقى بۇنىڭ ئۈچۈن مەۋجۇتلۇق كىرىزىسىگە دۇچ كېلىشى مۇمكىن.

    ھازىر، ياۋروپانىڭ نارودنىكلار ئىدىيەۋى ئېقىمى ۋە پارتىيەسى گۈللىنىپ، ئامېرىكىدىكى ترامپنىڭ تەختكە چىقىشى بىلەن ماسلىشىش ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىش، سودىنى ئەركىنلەشتۈرۈشنىڭ ئاساسىي ئېقىمدىكى ئىدىيەۋى ئورنى خىرىسقا دۇچ كېلىدۇ، بولۇپمۇ ياۋروپانى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش مۇساپىسى ‹‹بىر ئىزدا توختاپ قېلىپ››، دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىش ۋەزىيىتىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ.

    جاۋ چېن مۇنداق دېدى: ياۋروپانى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش دۇنيا ئىقتىسادىغا پايدىلىق، ئەگەر ياۋروپانىڭ بۆلۈنۈشى تەدرىجىي كۈچەيسە، ئۇنداقتا جۇڭگونى ئۆز ئىچىگە ئالغان باشقا دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئومۇمىي جەھەتتىن ھەمكارلىشىشتىكى قىيىنلىق دەرىجىسى ئېشىپ، ئىلگىرىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ زېھنىي كۈچ سەرپ قىلىپ، ئەزا دۆلەتلەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشقا مەجبۇر بولىدۇ، بۇ شۈبھىسىزكى ھەمكارلىق ئۈنۈمىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ.

    ئامېرىكا دۆلەت كاتىپى كېررىي 2016 – يىل 3 – ئاينىڭ 24 – كۈنى رۇسىيەگە زىيارەتكە باردى ھەم پۇتىن بىلەن كۆرۈشۈپ، رۇسىيەنىڭ سۇرىيەدىكى ھوقۇق – مەنپەئىتىنى ئېتىراپ قىلىپ: ‹‹شام ئىسلام دۆلىتى›› رادىكال تەشكىلاتىنى مەغلۇپ قىلىشتا رۇسىيە ۋە ئامېرىكىنىڭ زىچ ھەمكارلىشىشى زۆرۈر ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. بۇ قېتىمقى زىيارەت رۇسىيەنىڭ ئوتتۇرا شەرققە قايتىشى، رايون كۈچى سېلىشتۇرمىسىدا زور ئۆزگىرىش بولغان بەلگىلىك ۋەقە، دەپ قارالدى.

    مىسىر‹‹ئەلئېھرام گېزىتى››نىڭ سىياسىي تەتقىقاتچىسى ئەخمەت ئايرىبە مۇنداق دېدى: سۇرىيە مەسىلىسىدە، ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ سۇرىيە ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇش ئويىدىن ۋاز كېچىشى، ‹‹شام ئىسلام دۆلىتى›› رادىكال تەشكىلاتىغا زەربە بېرىدىغان خەلقئارا بىرلەشمە ئارمىيەنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈندۇر. ‹‹مېنىڭچە، ترامپ بۇ سىياسەتنى داۋاملاشتۇرۇپ، رۇسىيە بىلەن ھەمكارلىشىپ سۇرىيە كىرىزىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئىزدىنىدۇ››.

    ئىراقنىڭ سىياسەتشۇناسى يەھيا سائادىي تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: ئوباما ھۆكۈمىتىگە قارىغاندا، ترامپ تەختكە چىققاندىن كېيىن تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەسىلىسىگە تېخىمۇ چوڭقۇر ئارىلىشىپ، ئىراق ھۆكۈمىتىنى تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ ۋە قورال بىلەن تەمىنلىشى مۇمكىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ترامپ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەسىلىسىدە رۇسىيە بىلەن مەلۇم دەرىجىدە ھەمكارلىشىشى مۇمكىن.

    ھازىر، سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى رۇسىيەنىڭ قوللىشىدا ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم بازار ھەلەبتە تەدرىجىي ئىلگىرىلىمەكتە. ھازىرقى جەڭ ئەھۋالىدىن قارىغاندا، بىر يىلدىن بىر يېرىم يىلغىچە ۋاقىتتا سۇرىيەدىكى‹‹شام ئىسلام دۆلىتى›› رادىكال تەشكىلاتىنى ئاساسىي جەھەتتىن يوقىتىشتىن ئۈمىد بار.

    بەزى تەھلىلچىلەرمۇ مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت ئارمىيەسى ھەلەبنى ئىگىلەپ سۇرىيەنىڭ شىمالىدا مۇھىم ئولتۇراقلىشىش مەھەللىسىگە ئىگە بولدى، لېكىن ئومۇمىي ۋەزىيەت يەنىلا ئېنىق ئەمەس. كەلگۈسىدە ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە سۇرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆتكۈنچى مۇساپىسىنى قايتا باشلاش توغرىسىدا داۋاملىق تەدبىر قوللىنىدۇ، ھالبۇكى، ئەتراپتىكى كۈچلۈك دۆلەتلەرمۇ ئۈزەڭگە سوقۇشتۇرۇشنى كۈچەيتىدۇ، سۇرىيە تىنچلىق سۆھبىتى ئوڭۇشلۇق بولمايدۇ.

    2017 – يىلىغا نەزەر سالساق، دۇنيانىڭ تەرەققىيات يولى قانداق بولىدۇ؟ ھازىرقى دۇنيا ئىقتىسادى دەۋرىيلىك ئۆزگىرىۋاتىدۇ، غەربنىڭ دېموكراتىيە تۈزۈمى كىرىزىس سىنىقىغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. ھالبۇكى، جۇڭگو قاتارلىق تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ دۇنيا تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئوينىغان رولى تېخىمۇ مۇھىم.

    جۇڭگونىڭ تۈرتكىسىدە، 2016 – يىلىدىكى 20 دۆلەت گۇرۇھى خاڭجۇ باشلىقلار يىغىنىدا تەرەققىيات گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇلدى. پېرۇدا ئېچىلغان ئاسيا – تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلىرىنىڭ بىرەسمىي يىغىنىدا، جۇڭگو ئىجادچان، ھاياتىي كۈچكە ئىگە، ھەمتۈرتكە بولىدىغان، سىغدۇرۇشچان دۇنيا ئىقتىسادىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئەقىل كۆرسەتتى. جۇڭگو ئوتتۇرىغا قويغان ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ھەمبەھرىلىنىش دۇنيانى ئىدارە قىلىش قارىشى دۇنيا ۋەزىيىتىدە چوڭقۇر تەسىر پەيدا قىلماقتا.

    ئېۋانگېلو كارۋالخو مۇنداق دېدى: كەلگۈسىدىكى جۇڭگو ۋەكىللىكىدىكى گۈللەنمە ئىقتىسادىي گەۋدە ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر دۇنيانى ئىدارە قىلىش ئىسلاھاتىغا چوڭقۇر قاتنىشىپ، دۇنيانىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي تەرتىپىنىڭ تېخىمۇ ئادىل، باراۋەر يۆنىلىشكە قاراپ سىجىل تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ‹‹جۇڭگو تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن ھالەتتە دۇنياغا يۈزلىنىدۇ، بۇ دەل دۇنيا ۋەزىيىتىدىكى ئەڭ زۆرۈر تەشەببۇس››.

    ئامېرىكا ئىللىنوئىس سانائەت ئىنستىتۇتىنىڭ ئىقتىساد ئىلمىي پىروفېسسورى خايرى تۈركى مۇنداق دېدى: ‹‹غەربنىڭ لىبېرالىزم تەرتىپىدە پۇت تىرەپ تۇرۇۋاتقان ئەخلاق ئۈستۈنلۈكى داۋالغۇپ تۇرۇۋاتىدۇ، نۇرغۇن دۆلەت شەرققە قاراپمۇ ھەيران قالمايدىغان بولدى››. ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىنىڭ كۆلىمى ئىنسانىيەتتە بولۇپ باقمىغان، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئورتاق پايدا ئېلىش سىياسىتى دۇنيا تەرتىپىنىڭ يېڭىباشتىن ئورنىتىلىشنى پائال ئۆزگەرتىدۇ.

‹‹شىنخۇا تورى››دىن

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001359549761