سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئىككى يېزا ئىگىلىك بازىرى ‹‹مەملىكەت بويىچە ئۈلگىلىك بازار›› شەرىپىگە ئېرىشتى

مۇھەررىر: ۋۇ ۋېنشيا
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-01-04

    ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ‹‹جيۇدىڭ›› يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توپ سېتىش بازىرى ۋە كۈيتۈن ‹‹زېخۇي›› مېۋە، كۆكتات يەتكۈزۈش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى 31 يېزا ئىگىلىك بازىرى تەركىبىدە ئېلىمىزنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئۈلگىلىك بازىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالدى.

    ئۇقۇشىمچە، ئۈلگىلىك بازارلارنى باھالاش جەريانىدا بۇ بازارلارنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى توپ سېتىش بازىرى ياكى پارچە سېتىش بازىرى بولۇشى، پاراۋانلىق ئۈنۈمىگە ئىگە بولۇشى تەلەپ قىلىنغاندىن سىرت، يېتەكلەش ۋە خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارى گەۋدىلىك بولۇشى، بولۇپمۇ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ياكى مۇلازىمەت بىلەن نورمال باھادا تەمىنلەش تەلەپ قىلىنغان.(تامام)

[ۋۇ ۋېنشيا]
010020070830000000000000011100001359549711