سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

كېررىي: ئىككى دۆلەت لايىھەسىلا پەلەستىن، ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىنى ھەل قىلالايدۇ

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-01-04

 ئامېرىكا دۆلەت كاتىپى كېررىي 2016 – يىل 12 – ئاينىڭ 28 – كۈنى ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: پەلەستىن، ئىسرائىلىيە رايونىدا تېررورلۇق، زوراۋانلىق ۋە قۇتراتقۇلۇق قىلىش خاراكتېرلىك گەپ – سۆزلەر بېسىققىنى يوق، يەھۇدىيلار ئولتۇراق مەھەللىسى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ قۇرۇلدى، ئىزچىل قوللىنىلىۋاتقان پەلەستىن، ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىنى ھەل قىلىدىغان ئىككى دۆلەت لايىھەسى كىرىزىسكە پېتىپ قالدى؛ ئىككى دۆلەت لايىھەسىلا ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىن ئارىسىدا ئادىل ۋە مۇستەھكەم تىنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ.

 كېررىي مۇنداق دېدى: ئىسرائىلىيە ئىككى دۆلەت لايىھەسىدىن ۋاز كېچىپ، بىر دۆلەت لايىھەسى ئۈستىدە ئىزدەنسە، ئىسرائىلىيە بىلەن ئەرەب دۇنياسىنىڭ زىددىيىتى ھەل بولمايدۇ؛ پەلەستىنلىكلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، بىر دۆلەت لايىھەسى ئۇلارنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا غايەت زور توسالغۇ پەيدا قىلىدۇ.

 كېررىي 70 مىنۇتقا سوزۇلغان سۆھبەتتە پەلەستىن، ئىسرائىلىيە رەھبەرلىرىنى ئىككى دۆلەت لايىھەسى ئارقىلىق پەلەستىن، ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىنى ھەل قىلىشقا كۆپ قېتىم مۇراجىئەت قىلدى ھەم ئىسرائىلىيە زۇڭتۇڭى نېتانياخۇنىڭ ئولتۇراقلىشىش مەھەللىسى قۇرۇشىنى تۇنجى قېتىم ئەيىبلىدى.

 كېررىي مۇنداق دېدى: نېتانياخۇ ئىككى دۆلەت لايىھەسىنى ئاشكارا قوللىسىمۇ، ئۇ ئىسرائىلىيە تارىخىدىكى ‹‹ئەڭ ئوڭ قانات›› ھۆكۈمەتنى تەشكىللەپ، ئىلگىرىكى ئىسرائىلىيە ھۆكۈمەتلىرىگە قارىغاندىمۇ پەلەستىن ئىگىدارلىقىدىكى زېمىندا يەھۇدىيلار ئولتۇراق مەھەللىسى قۇرۇشنى تېخىمۇ كۈچەپ ئىلگىرى سۈردى.

 ئىسرائىيە دۆلىتىدىكى چېكىدىن ئاشقان ئوڭ قانات پارتىيە – گۇرۇھلار ئوتتۇرىغا قويغان ‹‹ئولتۇراق مەھەللىسى قۇرۇش ئىسرائىلىيە دۆلىتىنىڭ خەۋپسىزلىكىدە ئىنتايىن مۇھىم›› دېگەن باھانىسىگە قارىتا كېررىي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئولتۇراق مەھەللىسىنى كېڭەيتىش دۆلەت خەۋپسىزلىكى بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولۇپلا قالماستىن، ھەتتا ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە كۈچلىرىنىڭ خەۋپسىزلىك ساقلاش بېسىمىنى ئاشۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئولتۇراق مەھەللىسىنى كېڭەيتىپ قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان كىشىلەر پەلەستىنلىكلەرنىڭ مۇۋاپىق ئارزۇسىنى پۈتۈنلەي نەزەردىن ساقىت قىلىشنى تاللىغان.

 ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى 2016 – يىل 12 – ئاينىڭ 23 – كۈنى قارار ماقۇللاپ، ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىن ئىگىدارلىقىدىكى زېمىندا يەھۇدىيلار ئولتۇراق مەھەللىسى قۇرۇش پائالىيىتى ‹‹خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ›› ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ئىسرائىلىيەنى بارلىق ئولتۇراق مەھەللىسى پائالىيىتىنى توختىتىشقا دەۋەت قىلدى.

 ئولتۇراق مەھەللىسى مەسىلىسى پەلەستىن – ئىسرائىلىيە مەسىلىسىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى. ئىسرائىلىيە 1967 – يىلى 3 – قېتىم ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشىدىن كېيىن شەرقىي يېرۇسالېم ۋە ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى رايونلاردا يەھۇدىيلار ئولتۇراق مەھەللىسى قۇرۇشنى باشلىغان. خەلقئارا جەمئىيەت: بارلىق يەھۇدىيلار ئولتۇراق مەھەللىسى قانۇنسىز ھەم ئوتتۇرا شەرقنىڭ تىنچلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تەھدىت پەيدا قىلىدۇ، دەپ قارىدى.(تامام)

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001359549701