سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

كورېيە ئاساسىي قانۇن سوت مەھكىمىسى زۇڭتۇڭنى ئەيىبلەش دېلوسىنىڭ 2–قېتىملىق تەييارلىق سوتىنى ئاچتى

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-01-04

     كورېيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، كورېيە ئاساسىي قانۇن سوت مەھكىمىسى 12 – ئاينىڭ 27 – كۈنى زۇڭتۇڭنى ئەيىبلەش دېلوسىنىڭ 2 – قېتىملىق تەييارلىق سوتىنى ئېچىپ، پارلامېنت ئەيىبلەش كومىتېتى ۋە زۇڭتۇڭنىڭ دەۋا ۋاكالەتچىسىنىڭ پىكرىنى ئاڭلىغان ھەم 2017 – يىل 1 – ئاينىڭ 3 – كۈنى تۇنجى سوتنى ئېچىشنى، 5 – كۈنى 2 – قېتىملىق سوت ئېچىشنى بېكىتكەن.

    كورېيە زۇڭتۇڭىنىڭ دەۋا ۋاكالەتچىسى ئاساسىي قانۇن سوت مەھكىمىسىدىن مەدەنىيەت – تەنتەربىيە ساياھەتچىلىك بۆلۈمى، خەلق ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى جەمئىيىتى، ‹‹SAMSUNG›› گۇرۇھى، مەملىكەتلىك ئىقتىسادشۇناسلار بىرلەشمىسى، Mir مالىيە گۇرۇھى ۋە K تەنتەربىيە مالىيە گۇرۇھلىرى مەبلەغ سالغان كارخانا قاتارلىق 16 تارماقدىن ئالاقىدار دەلىل – ئىسپاتلارنى ئېلىشنى ئىلتىماس قىلدى.

    كورېيە پارلامېنت ئەيىبلەش كومىتېتى بۇنىڭغا قارشى تۇرۇپ: بۇنداق قىلغاندا مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارغا بېسىم بولۇپ، ئوبيېكتىپ باياننى سۇبيېكتىپ ئىپادىگە ئۆزگەرتىۋېتىشى مۇمكىن، دېدى. زۇڭتۇڭنىڭ دەۋا ۋاكالەتچىسى بۇنىڭغا رەددىيە بېرىپ: دەلىل – ئىسپاتلارنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق زۆرۈر بولمىغان گۇۋاھلىق بېرىش تەرتىپلىرىنى قىسقارتىپ، ئەيىبلەش دېلوسىغا سوت ئېچىش قەدىمىنى تېزلەتكىلى بولىدۇ، دېدى.

    ئاساسىي قانۇن سوت مەھكىمىسى سودىيەلەر يىغىنى ئېچىپ، زۇڭتۇڭنىڭ دەۋا ۋاكالەتچىسىنىڭ ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىش – قىلماسلىقنى قارار قىلىدۇ.

    ئىلگىرىكى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، كورېيە ئاساسىي قانۇن سوت مەھكىمىسى 2016 – يىل 12 – ئاينىڭ 22 – كۈنى بارلىق سودىيەلەرگە يىغىن ئېچىپ، زۇڭتۇڭنى ئەيىبلەش دېلوسىنىڭ تۇنجى تەييارلىق سوتىنى ئاچقان، پارلامېنت ئەيىبلەش كومىتېتى ۋە پاك گيۇنخاينىڭ دەۋا ۋاكالەتچىسى دېلوغا مۇناسىۋەتلىك دەلىل – ئىسپات ۋە گۇۋاھچىلار مۇندەرىجىسىنىڭ دەسلەپكى نۇسخىسىنى تاپشۇرغان. ئاساسىي قانۇن سوت مەھكىمىسى ئاقلىغۇچىلاردىن پاك گيۇنخاينىڭ ‹‹شېيۆ›› ناملىق كېمە چۆكۈپ كەتكەن يەتتە سائەت ئىچىدىكى ئىش – ھەرىكىتى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىشنى ئالاھىدە تەلەپ قىلغان.

    ئىگىلىنىشىچە، تۇنجى قېتىملىق تەييارلىق سوتتا ئېچىلىپ، پارلامېنت ئەيىبلەش كومىتېتى ۋە پاك گيۇنخاينىڭ دەۋا ۋاكالەتچىسى تاپشۇرغان دەلىل – ئىسپات ۋە گۇۋاھچىلار مۇندەرىجىسى ئاساس قىلىنغان ھالدا، پارلامېنت ئەيىبلەش كومىتېتى بىلەن پاك گيۇنخاينىڭ دەۋا ۋاكالەتچىسىنىڭ مۇنازىرە قىزىق نۇقتىلىرى رەتلەپ چىقىلغان.(تامام)

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001359549681