سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

يېزا ئىگىلىكىدە تەمىنلەشتىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتتا ياخشى قەدەم تاشلاندى

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: خەلق تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-01-03

    13-بەش يىلنىڭ باشلىنىش يىلىدا ئېلىمىزدە قىزىل كۆممىقوناق تېرىلغۇ كۆلىمى 30 مىليون مو ئازايتىلىپ، تەمىنلەشكە، كىرىمگە، ئېكولوگىيەگە كاپالەتلىك قىلىندى، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەمىنلەشتىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىدا « سۈپەتنى ئۈنۈمنى ئاشۇرۇپ، ئۇسۇلنى ئۆزگەرتىش، ئاشلىق مەھسۇلاتنى مۇقىملاشتۇرۇپ، كىرىمنى ئىمكانيەتلىك سىجىل ئاشۇرۇش» چۆرىدىلىپ،چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلدى.

    بۇ بىر يىلدا يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى مەملىكەت بويىچە تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش پىلانى ۋە شىمالدا دېھقانچىلىق بىلەن چارۋىچىلىقنى كىرىشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشكە تۈرتكە بولۇش ھەققىدىكى يېتەكچى پىكىرنى چىقىرىپ، ئۈستۈنلۈكى يوق رايونلاردا كۆممىقوناق كۆلىمىنى ئازايتىپ، ئاشلىق بىلەن باقىلانى نۆۋەتلەشتۈرۈپ تېرىش ۋە ئاشلىقنىڭ ئورنىغا يەم خەشەك تېرىش سىناق دائىرىسىنى كېڭەيتتى. بۇ بىر يىلدا يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى سۈتچىلىكنى گۈللەندۈرۈش يىغىنى ئېچىپ، جۇڭگو سۈتچىلىكىدىكى 20 كۈچلۈك كارخانىنى كوزىر قىلىپ،سۈتچىلىكنىڭ گۈللىنىشىگە يېتەكچىلىك قىلدى.چارۋىچىلىق، باقمىچىلىقنىڭ كۆلەملىشىش نىسبىتىنى %56گە يەتكۈزدى، ئاساسلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەپ، ئىقتىسادى ئۈنۈمگە ئايلاندۇرۇش نىسبىتىنى %65دىن ئاشۇردى.

    بۇ بىر يىلدا ئېلىمىز ئۆلچەملەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىشنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆلچەملىك باغ، كۆكتاتلىق، چايزارلىقتىن 800نى يېڭىدىن قۇرۇپ، چارۋا سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىقى ئۈلگە كۆرسىتىش مەيدانىدىن 6851نى قۇردى، دۆلەت يېزائىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سۈپىتى بىخەتەر ناھىيە بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، 107ناھىيە، شەھەرگە نام بېرىپ، تولۇق مۇساپىلىك نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋە سۈرۈشتۈرۈش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلەتتى.

    بۇ بىر يىلدا ئېلىمىز مەڭگۈلۈك ئاساسى ئېتىز ئېرىقلارنى ئايرىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، 106 نۇقتىلىق شەھەر ئەتراپىدىكى مەڭگۈلۈك ئاساسى ئېتىز ئېرىقلارنى ئايرىشنى تاماملىدى، ئاساسى يېزا ئىگىلىك زىرائەتلىرىنى پۈتكۈل جەريانىنى ماشىنىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، بىر تۈركۈم پۈتكۈل جەريانىنى ماشىنىلاشتۇرۇش ئۈلگە كۆرسىتىش ناھىيەلىرىنى بەرپا قىلدى، ئاساسلىق يېزا ئىگىلىك زىرائەتلىرىنى تېرىش ۋە يىغىش ھەرىكىتىنىڭ ماشىنىلىشىش نىسبىتى %65گە يەتتى، قوغداش خاراكتېرىدىكى تېرىلغۇ قاتارلىق يېشىل ئېكولوگىيە تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش كۈچەيتىلدى.

    13-بەش يىلنىڭ باشلىنىش يىلىدا تەمىنلەشتىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى، ئاشلىق، پاختا، مايلىقدان، شېكەر، گۆش، تۇخۇم، سۈت، سۇ مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەش تولۇق بولدى، دېھقانلارنىڭ كىرىمى مۇقىم ئاشتى، ئېشىش نىسبىتىنىڭ داۋاملىق شەھەر بازار ئاھالىلىرىنىڭكىدىن يۇقىرى بولۇشىدىن ئۈمىد بار.(تامام)

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001359521881